مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ 1 - يىڭ 2 - ليەنىگە «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
بۇ ليەن 1937 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تاشەندىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، جىنچېڭ ئۇرۇشى، جىنمېننى توپقا تۇتۇش قاتارلىق ئۇرۇش، جەڭلەرگە قاتناشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ليەن شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ليەن قۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈچنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان «تۆتتە پولاتتەك» ليەندۈي تاۋلاپ چىقىپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
بۇيرۇقتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيە ئۇلىنى كۈچەيتىشى، مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە قاراتمىلىق مەشىقنى كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىقىش كېرەك؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىل كۈرەش قىلىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئىرادە ۋە پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتى ۋە شىجائىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.