ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىشىنى ماقۇللىدى

2024.07.09 23:33 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىشىنى بىردەك ماقۇللىدى. جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىملىق تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەكىللىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

چېن شۈ يىغىندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە جۇڭگوغا تەكلىپ بەرگەن مەيدانىنى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلىپ قوللانغان 30 تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش يېڭى تەدبىرىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلىشىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى، ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي شەرھىلەپ، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە كىشىلىك ھوقۇق كاپالەت سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.

رۇسىيە، ۋېنېسۇئېلا، ئۆزبېكىستان، گامبىيە، ۋيېتنام قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر يىغىندا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگونىڭ 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىشقا ئېچىۋېتىلگەن، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلىدى، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن كۆپ ساندىكى تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېڭەشنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىشىنى ماقۇللىغانلىقىنى قوللىدى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جۇڭگونىڭ دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەبرىكلىدى.

دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت رامكىسى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا باراۋەر سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئىجادىي سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا، جۇڭگو 2009-يىلى، 2013-يىلى ۋە 2018-يىلى ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك قاراپ چىقىشقا قاتناشقان. بۇ يىل 1-ئايدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-نۆۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن ئىجادىي سۆھبەتلەشتى. 120 نەچچە دۆلەت جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ