پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، يىغىندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىدۇ. دەۋر بۆلگۈچ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقۇسى.
تورىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئىزدىنىشى، يېڭى تەدبىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ سەۋەب، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ كاپالەت.
6-ئاينىڭ 27-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك»، ئىزچىللاشتۇرۇلغان پىرىنسىپنىڭ بىرىنچى ماددىسى «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش».
يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى پىلانلاش، سىياسەتنى بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پاراخوت باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.
بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ»
مەسىلە − دەۋرنىڭ ساداسى، مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش − نەزەرىيەنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى.
ۋاقىتنى ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قايتۇرساق، دۆلىتىمىز كۆپ يىللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق، تەرەققىيات شەكلى يىرىك بولۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى؛ شۇ چاغدىكى ئىسلاھات كۆپ يىللىق ئىلگىرىلەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار ئىدى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىش شەرت. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نېمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ قايسى يۆنىلشىكە قاراپ ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ بۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتىنى سىنىماقتا.
بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ».
يېڭى مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى.
دىققەتنى «نېمىنى ئىسلاھ قىلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپى بار» دەپ تەكىتلەپ، «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئىسلاھاتتا قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىش، قانداق نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش قاتارلىق تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشتە پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئىسلاھ قىلىش»نى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ تەكىتلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەت يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈملىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزمۇنى.
«قانداق ئىسلاھ قىلىش»نى كۆزلەشتە، ئىلمىي بولغان ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە يول خەرىتىسى، ئىلمىي ئۇسۇل ۋە ئۈنۈملۈك يولىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى.
...
نەزەرىيەدە كۈچلۈك، يۆنىلىش ئېنىق، ھەممەيلەن بىر نىيەتتە، ئىشەنچ تولۇپ تاشقان بولۇپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شېنجېننىڭ يېڭى بۇرچى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندى، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رايون بەرپا قىلدى.
شيۇڭئەن يېڭى رايونى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى. يېڭى رايوندا يېڭى قىياپەت بولۇشى كېرەك، يېڭىلىق يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى شيۇڭئەندە، شەھەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى نامايان بولۇپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلدى؛ يەر ئاستى شەھىرى تېز شەكىللىنىپ، ئۆمۈچۈك تورىسىمان كابېلنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 47.6 كىلومېتىرلىق يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورىغا تولۇق ئورنىتىلدى؛ «بۇلۇت شيۇڭئەن» دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، رېئال شەھەردىكى ھەربىر ئىمارەت، ھەربىر يول چىرىغى رەقەملىك شەھەر ئىچىدە بىر-بىرلەپ ماسلاشتى.
قەلەم تەۋرىتىش دۇنياۋى نەزەر، قەلەم تەۋرىتىش دەۋرنىڭ ئۈلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «كەلگۈسىدىكى شەھەر»گە ئۇل سالدى.
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى «ئوڭۇشلۇق قوماندانلىق» بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.
2013-يىل 11-ئايدا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ، ئۇ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش قارار قىلىندى. «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي بارگاھتىكى < باش قوماندان >، جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە توپلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇلاردىن بۇ تاختا شاھماتنىڭ ۋەزىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ». يېڭى دەۋردىن بۇيان، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تۇتاشقان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە بولغان پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ تۇراقلىشىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى «ئوڭۇشلۇق قوماندانلىق» بولۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
بىر پارچە سۈرەت بىر مەيدان ئۇلۇغ ھەل قىلغۇچ جەڭنى بېكىتتى − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى خاتىرىلىدى.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى 2020-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئىشلەۋاتقان چايچى دېھقانلارغا قاراپ كېلىۋاتقان كۆرۈنۈش. باش شۇجىنىڭ يېنىدا شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەنكاڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىڭلى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى؛ جياڭجياپىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بار ئىدى.
يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ئاساسىي قاتلامغىچە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دا، مەسئۇلىيەت قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئىشلىنىپ، يېزا-كەنتلەر گۈزەللەشكەن، يېزا ئىگىلىكى كۈچەيگەن، دېھقانلار بېيىغان يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇمىي گۈللەندۈرۈشنىڭ يۆگىمە رەسىمى تەدرىجىي يېيىلماقتا.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلىققا قارشى تۇرۇلۇپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىنىپ، كەلكۈن پەللىسى بىلەن كۈرەش قىلىندى، ئىقتىساد مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى، كىرىزىس تۈگىتىلىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇلدى... بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بۇ ئەڭ چوڭ ئۈستۈنلىكىگە زىچ تايىنىپ، ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى، قىيىن ئىشلارنى، جىددىي ئىشلارنى قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق.
ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش پارتىيەنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلىكى. خەلققە زىچ تايانغاندىلا پارتىيەمىز ھەممىدە غالىب كېلىدىغان، ھەممىدە غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىگە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ يىل 5-ئاي، شەندۇڭ جىنەن، ئىسلاھات توغرىسىدىكى بىر مەيدان كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم، زور تەدبىر چىقىرىپ، مۇھىم ھۆججەت تۈزۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل ئۇسۇلى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى».
«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسەت-ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن كۆپ مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى؛ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى... پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قاتارلىق تۈرلۈك كېڭىشىش سۇپىلىرى ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىسلاھاتتا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئورتاق تونۇشى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى.
تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، رەھبەرلىك شەكلى تېخىمۇ ئىلمىيلەشتى، بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە رەھبەرلىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور ئۈستۈنلىكى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر «ئىمتىھانغا بېرىش» تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىغا، باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەينەن ئۆگىنىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىغا كىرىپ ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش... ھازىر، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ.
«بىز قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە دادىل ئىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. گۇاڭشى بېيخەي شەھىرىدىكى تيېشەن شەرقىي پورتى كەسىپلەر باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شيۇڭ جيەنخۇا بىر مەزگىلدىن بۇيان گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
ئىنتىزامنى چىڭىتىش پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلىدى، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئىسلاھات ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، سىياسىي جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى بەزى شەھەرلەردە ئىلگىرى بىر مەھەل تەرەققىيات داۋامىدىكى مۇھىت مەسىلىسى كۆرۈلگەنىدى: دەريا بويىدا تۇرخۇنلار قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-شېغىل پىرىستانلىرى زىچ جايلىشىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانىدى.
«كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق»، «چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ نۇقتىلىق سۇ رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش»، «دەريا بويىدىكى خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى تاقاش، ئۆزگەرتىش، كۆچۈرۈش»... قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەرنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، «يېشىللىق تەركىبى»، «قىممىتى» تېخىمۇ يۇقىرى بىر تۈركۈم كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، چاڭجياڭ دەرياسى بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر قېتىم تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، خۇبېي يىچاڭدىكى بىنجياڭ باغچىسىدىكى ماياك مەيدانىدا، شەھەر ئاھالىلىرى، ئامما ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ مودا قوغلىشىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ.
ئەزىم دەريا ئۆركەشلەپ ئاقتى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. «سۇ سۈزۈلدى، قىرغاق يېشىللاشتى، بېلىق توپلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭدىن قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى!» چاڭجياڭ دەرياسىدىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش يىچاڭ شەھىرىدىكى بېلىق تۇتۇشتىن چېكىنگەن بېلىقچى ليۇ چېڭكۇينى خۇشال قىلدى.
«توغرا كۆرگەن ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك»، بۇ بىر جانلىق ئىزاھات. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن ۋە ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولدى. پارتىيەمىز ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساش، سىستېمىلىق قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ۋە كەسكىن ئىشلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق چوڭ كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقتىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس.
بۇ يىل 5-ئايدا كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر بۆلەك سۆزلىرى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولۇپ، مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.
«ئىسلاھات قىلىشتا قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تۈپ نەرسىلەردىن تەۋرىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ».
بۇ، باشتىن-ئاخىر بىردەك بولغان ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك ۋە ئىرادە.
بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن ئۈستۈنلىكى.
يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرساق چوقۇم يېڭى مۇۋەپپەقىيەت يارىتالايمىز، يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقالايمىز.