شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى كاپۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.07.09 15:24 مەنبە: خەلق تورى

7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋىد تىۋا كاپۇغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ـ سائادەت ياراتتى. مەن جۇڭگو ـ سولومون تاقىم ئاراللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ