7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھەممەد ئۇلد شېخ غازۋانىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ماۋرىتانىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مول نەتىجىلىك بولدى. مەن جۇڭگو ـ ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ماۋرىتانىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.