جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 ـ بۆلۈمى (تاجىك تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى)نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما تاجىكىستان «خوۋار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، «جاخوننامو» دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «سافىنا» دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاجىكىستاندىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تورغا چىقىرىلىپ كۆرسىتىلدى.
«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 ـ بۆلۈمى (تاجىك تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى)دە دىققەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئورتاق بېيىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، تاجىكىستان خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو رەھبىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بېرىلدى.