6 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگو مائارىپ ئالماشتۇرۇش (شياڭگاڭ) مەركىزى مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «مۇقەددەس زېمىندا ساياھەت قىلىپ ئۆگىنىش» شياڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلدى، شياڭگاڭ دۇڭخۇا 3-دوختۇرخانىسى لى رۈنتيەن خاتىرە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىدىن تۇنجى قارارلىق ئۆمەك تەشكىللىنىپ، شىنجاڭدا سەككىز كۈنلۈك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش سەپىرىنى باشلىدى.
شۇ كۈندىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالقىسىدىكى نەق مەيداندا قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى شەكىللىنىپ كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى. شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) بىلەن شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ساۋاقداشلار رەڭگارەڭ مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، يۇقىرى ماھارىتى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن بىر مەيدان كاتتا ناخشا-ئۇسسۇل مەرىكىسىنى ئورۇنلىدى. نەق مەيداندىكى شياڭگاڭلىق ساۋاقداشلار كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدى ۋە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.