شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

2024.07.05 16:03 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان يادرولۇق سۇپا، رولىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، پاراخوتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى باشلىقلار يىغىنىنى قوللايدۇ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش جەھەتتە يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

گوتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى، بولۇپمۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشىنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى زور دەرىجىدە جۇڭگوغا باغلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ