شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى، زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، بىز جۇڭگو - بېلارۇسىيە دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر قويۇق ئالاقىلەشتى، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوقۇم سىجىل، ساغلام، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىدۇ.
لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنىڭ تۈنۈگۈن بېلارۇسىيەدە كۆرسەتكەن ماھارىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇ يەنە بېلارۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. بېلارۇسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە ئورتاق ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئالتە نۇقتىلىق ئورتاق تونۇشنى قوللايدۇ. بېلارۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.