شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - تۈركىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تۈركىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سودىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقراسىنى تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشقا ئىگە بولۇپ، قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
ئەردوغان مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو تۈركىيەنىڭ دۇنيا ۋە ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ھەمراھى. تۈركىيە تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىلەن تۈركىيە تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى، جۈملىدىن پەلەستىن مەسىلىسىدە ئادىل، ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.