7- ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانتونىئو كوستاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلۇق ئەندىزىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ دەپ قارايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. مەن جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كوستاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.