شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى

2024.07.04 10:27 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو ـ ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىستراتېگىيەلىك ئىچكى خاس مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورنىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردۇق، بۇ، يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ھەم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا، سېلىنما، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىنى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ساغلام، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئەزەربەيجان دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 29 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئەلىيېف مۇنداق بىلدۈردى: ئەزەربەيجان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ياخشى ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، خەلقئارا تەشكىلاتلاردا بىر ـ بىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللىدى. بۈگۈن بىز قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەزەربەيجان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بۇ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. ئەزەربەيجان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، يېڭى ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ