شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى

2024.07.04 10:26 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 1 ـ ئايدا سىز جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدۇق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئۆزبېكىستانمۇ «ئۆزبېكىستان − 2030» ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، يەنى خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت تەقدىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا دائىر ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى ھەمدە يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى قوللايدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا شىئەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 1 ـ ئايدا بىز بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىرلىكتە جاكارلاپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۆزبېكىستان تەرەپ بۇنى تەبرىكلەيدۇ ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر ـ بىرىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى بولۇپ، داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلاردا ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ