شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 5 ـ ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، جۇڭگو ـ رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 75 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق پىلان تۈزدۇق ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئەسلىي مەقسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش قەتئىي ئىرادىسىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىچە قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاش ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئەتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەن بۇ يىل 5 ـ ئايدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىز رۇسىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق ھەم رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلىدۇق. ھازىر رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتىدۇ، رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، 3 ـ تەرەپكە قاراتماسلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە ئۇيغۇن. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە ھەققانىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا، نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىگە قول تىقىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، خەلقئارا سىستېمىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، داۋاملىق تۈردە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.