ئەگەر سىزدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى قايسى دەپ سورالسا، كاللىڭىزدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان جاۋاب نېمە؟ بەلكىم سىز ئاۋۋال بىپايان رۇسىيەنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ياكى بولمىسا، جاۋابىڭىز دۆلىتىمىزگە يېقىن موڭغۇلىيە بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ توغرا جاۋابى دەل بىز بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان دۆلەت قازاقىستان.
قازاقىستان، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم زىيارەتكە چىققان تۇنجى بېكەت. قازاقىستاننىڭ دۆلەت زېمىنى كۆلىمى دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. بۇلا ئەمەس، بۇ يەر يەنە ناخشىچى دىماشنىڭ يۇرتى، ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭى گۆش قورۇمىسىنى ياخشى كۆرىدۇ...بۈگۈن، بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر ئارقىلىق بۇ دۆلەتنى چۈشىنەيلى!
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى» 2023 ـ يىل 11 ـ ئايدا كۈچكە ئىگە بولدى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. بىر قېتىملىق ماڭىمەن دەپلا ماڭىدىغان ساياھەت قىلايلى!
مەنبە: خەلق تورى