يېقىندا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېرمىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بولغان ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاچىلېك رايونىدىكى ئون تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئۇۋىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، چېگرا ھالقىغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق 150 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا قېچىپ يۈرگەن 14 كىشى بار. نۆۋەتتە، بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار يۈننەن شىشۇاڭبەننا دالو پورتى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تاچىلېك رايونىدىكى بىر تېلېگراف ئالدامچىلىقى رايونىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ھەربىي قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ دوست تۇتۇش شەكلى ئارقىلىق ساختا مەبلەغ سېلىش-مالىيە باشقۇرۇش ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى گۇيجوۋ گۇڭئەن ئورگانلىرىنى جىنايەت گۇماندارلىرىنى يالاپ ئېلىپ كېلىپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.
بۇلتۇردىن بۇيان، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى دۆلىتىمىزگە چېتىشلىق تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش، يۇقىرى نىسبەتتە يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بېرمىدىكى ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بولغان ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە بىر قاتار زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 49 مىڭ جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈرۈلدى ھەم جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، بىر قىسىم تېلېگراف ـ تور ئالدامچىلىقى ئۇنسۇرلىرى تاچىلېك قاتارلىق جايلارغا تارقاقلىشىپ يۆتكەلدى.