باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىل>>ئۇزۇن سەپەر غەلبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتېرىلەيمىز

ئۇزۇن سەپەر جەريانى

2016.08.04 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاۋۋال جياڭ جيېشىنىڭ تۆت قات قامال لىنىيىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇنەن-جياڭشىنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا يېتىپ كەلدى. بىراق خاتا قوماندانلىق قىلىنغانلىقتىن، قىسىمدىكى ئادەم سانى ئەسلىدىكى 80 مىڭدىن ئازىيىپ 30 نەچچە مىڭغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.

  ئۇزۇن سەپەرئەينى چاغدا چەتكە قېقىلغان يولداش ماۋ زېدۇڭ دۈشمەننىڭ كۈچى ئاجىز بولغان گۇيجۇغا ئىلگىرىلەشتەك دانا قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەسلىدە شىمالغا ئىلگىرىلەشكە تەييارلىنىۋاتقان مەركىزىي قىزىل ئارمىيە تۇيۇقسىز غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ ۋۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زۇنيى ناھىيە بازىرىنى ئىگىلىدى، بۇ جايدا مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىپ، چىن باڭشيەن، لى دېلارنىڭ قىزىل ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىپ، «سول» چىل لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى باشلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يېڭى مەركىزىي كومىتېتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئەپچىل، جانلىق ئىستراتېگىيىلىك جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسى ۋە دادۇخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قارلىق تاغلاردىن ئېشىپ، ئادەمزات ئاياغ باسمىغان سازلىقلارنى بېسىپ، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە ئاخىرى 1935-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى شەنشى-گەنسۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىكى ۋۇچى بازىرىغا يېتىپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر