- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى پىلانى
2016.08.04 15:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇزۇن سەپەر 1934-يىلى 10-ئايدا باشلاندى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جەنۇبتا مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا، خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى، خۇنەن-خۇبېي-جياڭشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جياڭ جيېشى بۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى كۆزگە قادالغان مىغ دەپ قاراپ، ئارقا-ئارقىدىن «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىنى قوزغىدى. مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گومىنداڭنىڭ تۆت قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى. لېكىن ئەينى چاغدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى كونترول قىلىۋالغان ۋاڭ مىڭنىڭ «سول» چىل لۇشىيەننىڭ رەھبەرلىكىدە، 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولدى. 1934-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئالدىراپ-تېنەپ فۇجيەننىڭ غەربى ۋە جياڭشىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىنقىلابىي تايانچ بازىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، خۇنەن-جياڭشىنىڭ غەربىگە يۆتكىلىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر