باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تارىخىي ئىزى ئۈستىدە ئىزدىنىش

2016.06.27 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ خۇبېي ۋۇخەن كومىتېتى 5-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىدا 5-قۇرۇلتايدا سايلاپ چىقىلغان مەركىزىي كومىتېت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ھەيكىلى كۆرگەزمە قىلىندى. شىڭگو ناھىيەسى گاۋشىڭ رايونى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئىشچى-دېھقانلار مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئەرز ساندۇقى تەسىس قىلدى.

  جياڭشى رۈيجىن، مەركىزىي پارتىيە ئىشلىرى كومىتېتى ۋە جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشچى-دېھقانلار مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى ئادرېسى.

  1950-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم يەرلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلدى.

  سۈرەتتە: 1951-يىلى، «ئۈچكە قارشى» ۋە «بەشكە قارشى» ھەرىكەتتە، خېبېيدا ليۇ چىڭشەن، جاڭ زىشەنلەر ئوچۇق سوت قىلىندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركىزىي ىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە مەخسۇس «ئاشكارىلاش سۇپىسى» سەھىپىسى تەسىس قىلدى.

  1949-يىلى 11-ئاي

  مەركىزىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلدى

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى يېڭى سىناقلارغا دۇچ كەلدى. ئاۋات شەھەرگە كىرىش، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تارىخىي شارائىتىدا، پارتىيە قانداق قىلىپ ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى ۋە كەمتەر، ئېھتىياتچان، مەغرۇرلانماسلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئېسىل ئىستىلىنى ئىزچىل ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندى.

  1949-يىلى 11-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەركەز ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، جۇ دې شۇجىلىقىدىكى مەركىزىىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى» دېيىلدى) قۇرۇلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلىدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغدايدىغان خىزمەت ئاپپاراتى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئوخشاش دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنىدۇ. 1950-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ پارتكوم تەشكىلاتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن قانات يايدۇرۇلغان «ئۈچكە قارشى» ھەرىكەتتە، بەزى تىپىك خىيانەتچىلىك دېلولىرى پاش قىلىنىپ، جامائەتچىلىككە جاكارلىنىپ، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ليۇ چىڭشەن ۋە جاڭ زىشەن دېلوسى، پارتىيە ئىچىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنى ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈپ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى. بۇ دېلولارنىڭ تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈلىشىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر