باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

تۆمۈر ئادەم ۋاڭ جىنشى: ھاياتىم بىلەن ۋەدەمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن

2016.06.23 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇچىغا خۇرۇم چاپان كىيگەن، قولىدا تورمۇز تۇتقان، كۆزىدىن قەتئىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك −− مانا بۇ ۋاڭ جىنشىنىڭ دۇنياغا قالدۇرغان «تۆمۈر ئادەم سۈرىتى».

  ئۇنىڭ ھەر بىر جاراڭلىق قەسىمى، زامان ھالقىپ كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايدۇ. تۆمۈر ئادەم، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتى بىلەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  ۋاڭ جىنشى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى يۈمېن ناھىيەسى چىجىن بازىرىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھەممە يەرنى ئاھۇ-زار قاپلىغان، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلاشقان كونا جۇڭگودا كۈلپەت ئىچىدە ئۆتكەنىدى.

  1950-يىلى، ۋاڭ جىنشى مەشغۇلات ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ يۈمېن نېفىت قانىغا كېرىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد بۇرغىلاش ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئۇ ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش ئىدىيەسى ۋە تولۇپ تاشقان ئەمگەك قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن، ئۆزىنى ۋەتەننىڭ نېفىت ئىشلىرىغا بېغىشلىدى.

  1956-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ۋاڭ جىنشى كوممۇنىستىك پارتىيەگە كىردى. پارتىيەگە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي «بېيۋۇ 5-ئەترەت»نىڭ باشلىقى بولدى. 1958-يىلى 9-ئايدا ئەترەت باشلاپ بىر ئايدا 5009 مېتىر بۇرغىلاپ، مەملىكەت بويىچە قۇدۇق بۇرغىلاشتىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، «پولات-تۆمۈردەك قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى» دەپ ئاتالدى.

  «دۆلەتنىڭ ئىشلىتىدىغان نېفىتى بولمىسا، نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ تەقدىرلىنىدىغانغا نېمە سالاھىيىتى بار؟» ئۇ بېيجىڭغا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى بارغاندا، ئاممىۋى ئاپتوبوسلارغا كۆمۈر گازى خالتىسى ئورنىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بېسىم ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدى.

  1960-يىلى، ۋاڭ جىنشى ئەترەت باشلاپ داچىڭ نېفىتلىكىگە بېرىپ نېفىت جېڭىغا قاتناشتى ۋە قۇدۇق قېزىش ئەترىتىنىڭ نومۇرىنى «1205» قىلىپ ئۆزگەرتتى.

  1960-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، داچىڭدىكى تۇنجى خام نېفىت سىرتقا توشۇلدى.

  1963-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، زۇڭلى جۇ ئېنلەي 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا داغدۇغىلىق قىلىپ، جۇڭگو نېفىتىنىڭ ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت سانائىتى يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى.

  ۋاڭ جىنشى ئەترەت باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ كۈندە دېگۈدەك 1-سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ قوماندانلىق قىلدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە 1205- ۋە 1202-قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى 1966-يىلى يىلىغا 100 مىڭ مېتىر بۇرغىلاشتەك نىشاننى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كوزىر قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىدىن ئېشىپ كەتتى.

  ئۇزاق يىللىق يۇقىرى بېسىملىق خىزمەت مۇھىتى، ۋاڭ جىنشىنىڭ سالامەتلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە خوراتتى. 1970-يىلى 4-ئايدا، بېيجىڭ 301-دوختۇرخانىسىدا تۆمۈر ئادەمگە ئاشقازان راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. ۋاڭ جىنشى شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر