باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

يېڭىلانغان ئۇزاق تارىخىي ئىدىيەۋى قورال

−−پارتىيە تارىخى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يەنئەن ئىستىل تۈزىتىشى توغرىسىدىكى سۆھبىتى

2016.06.23 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەنئەندىن ئىبارەت بۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر چەت كىچىك تاغلىق شەھەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئىنقىلابىي ئىرادىنىڭ ماگنىتتەك تارتىش كۈچى بولىدۇ. 1937-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە، پارتىيەنىڭ يەتتىنچى قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، پارتىيە ئەزاسى 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن 1 مىليون 210 مىڭغا يەتتى. ھالبۇكى، دوگمىچىلىق، تەجرىبىچىلىك قاتارلىق مەسىلىلەر پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيە قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  يەنئەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى گاۋ شاڭبىن مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا پارتىيەمىزدە ماركسىزم بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلمىگەچكە، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىن بىر مەيدان ئۆز ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە ئۆز ئۆزىنى ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، نېمىنىڭ ھەقىقىي ماركسىزم ئىكەنلىكى ۋە دوگمىچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئىدىيە جەھەتتە پارتىيەگە بولغان تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە پارتىيەنىڭ لۇشيەن ۋە فاڭجېنلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى سەۋەبى.

  20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تىركىشىش مەزگىلىگە كىردى، ۋەزىيەت نىسبەتەن مۇقىم، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنى ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى 1941-يىلى 5-ئايدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۆگىنىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى» ئېلان قىلىنغاندا باشلىنىپ، 1945-يىلى 4-ئايدا پارتىيە ج ك پ 6-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا «بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ى ماقۇللانغاندا ئاخىرلىشىپ، تۆت يىل داۋاملاشتى. ئىستىل تۈزىتىش پۈتۈن پارتىيەنى مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دېموكراتىيە ئىنقىلابى غەلىبىسىگە ئىدىيەۋى ۋە نەزەرىيەۋى ئاساس سالدى.

  جۇڭگو يەنئەن كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى شۆ لىن مۇنداق دېدى: بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى بولۇپ، پارتىيەمىزگە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ، ئىنتايىن مول تارىخىي تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى. يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى پۈتۈن پارتىيەدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئېسىل ئىستىلى ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى تۇرغۇزدى، بۇ نەزەرىيەۋى نەتىجىلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان يېڭىلىغان ئىدىيەۋى قورالى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر