بۇ، 20-ئىيۇن بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىنغان زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زۇنيى يىغىنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان 21 ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنىڭ بىرى.
زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى زۇنيى يىغىنى يىغىن ئورنى، زۇنيى يىغىنى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىقلار خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2005-يىلى 12-ئايدا، زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەتلىك AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايون بولۇپ باھالاندى؛ 2008-يىلى، دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك مۇزېيى بولۇپ باھالاندى. 2015 - يىلى ، زۇنيى يىغىنى خاتىرە سارىيى 4 مىليون 11 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) تاماشىبىننى كۈتۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى