باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى

ۋاڭ شۈنيۇ: «چىغىر پوچتا يولى» رىۋايىتى

2016.06.22 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىنىڭ ئېرىشكۈچىسى...قاتارلىق بىر قاتار شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، «چىغىر پوچتا يولى» دىكى بۇ تەنھا پوچتاليون، سىچۈەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مۇلى زاڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تاغ باغرىدىكى بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىدا ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىدىنمۇ بەكرەك «نامى چىققان» كىشىگە ئايلاندى.

  1984-يىلى، 19 ياشلىق ۋاڭ شۈنيۇ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، مۇلى ناھىيەلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ پوچتاليونى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاتنى ھەمراھ قىلىپ تۇرمۇش كەچۈردى.

  بۇ ئەسىرگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇلىنىڭ كۆپ قىسىم يېزا، بازارلىرىدا يول ۋە تېلېفون يوق ئىدى. ئاتلىق توشۇشنى ۋاسىتە قىلغان پوچتا يولى شۇ جايدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى بىردىنبىر يول ئىدى. ناھىيە بويىچە ناھىيە بازىرىدىن باشقا، 15 پوچتا يولىنىڭ ھەممىسى «چىغىر پوچتا يولى» بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىمى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغدا ئىدى. ۋاڭ شۈنيۇ مۇلى ناھىيە بازىرىدىن بەيدياۋ يېزىسى، سەنجويا يېزىسى، لوبو يېزىسى، كالا يېزىسىغىچە بولغان پوچتا يولىغا مەسئۇل بولۇپ، بىر ئايدا ئۇنىڭ 28 كۈنى يولدا ئۆتەتتى، بېرىپ كەلگىچە 584 كىلومېتىر يول ماڭاتتى.

  بىر ئادەم، بىر ئات، بىر يول، بىر سۇدان ھاراق. گوياكى مەڭگۈلۈك چەكسىز يول.

  ئاۋۋال دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغدىن ھالقىپ، بىر يىلنىڭ يېرىمىنى قار، مۇزلار بىلەن قاپلانغان چائېرۋادىن ئۆتۈپ، ئاندىن دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە 40 سىلسىيە گرادۇسقا چىقىدىغان يالۇڭجياڭ دەريا ۋادىسىغا بېرىپ، يول بويى چوڭ-كىچىك ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋە تاغ چوققىسىدىن ئۆتىدۇ...28 كۈنلۈك يولدا پەسىللەر ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ھەتتا بىر كۈندە قىشتىن پىژغىرىم ئىسسقنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

  پۈتۈن ئەزايى قىشتا قارغا، يازدا لايغا مىلىنىدۇ، قورسىقى ئاچقاندا، زەنبا چۆپى يەپ، چاڭقىغاندا تاغ بۇلاق سۈيى ئىچىپ ياكى مۇز پارچىسىنى يەپ، كەچتە ئۆڭكۈر، دەرەخ ئاستى ياكى چىملىقتا ئات بىلەن بىللە ئۇخلىدى، يامغۇرلۇق كۈنلەردە، يامغۇرلۇقىنى يېپىنچا قىلىپ، كېچىنى يامغۇردا ئۆتكۈزدى. مۆلدۈر، قېلىن قار، قارا يامغۇر، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن تەبىئىي ئاپەت بۇ ئادەمسىز يولنى ھەممە تەرەپتىن خەۋپتە قالدۇردى.

  ۋاڭ شۈنيۇ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار ماڭا مۇھتاج ھەم مەندىن ئايرىلالمايدۇ.، ئەينى ۋاقىتتا، ھەر قېتىم يېزا، بازارلارغا بارغاندا، يۈزدەك ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ ئىختىيارسىز كۈلەتتى. ئۇ خۇشال-خۇرام ياشاشقا خۇشتار، كىشىلەر توپى ئارىسىدا قارىماققا ئۇ يەنىلا تەنھا كۆرۈنىدۇ. ئۇ دائىم يول بويى ئۆزىچە سۆزلەيدۇ، بارا-بارا ئۇ سۆزلەر قوشاققا ئايلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر