باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يىراقنى ئالدىن كۆرۈش: چۈ چيۇبەينىڭ «ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»

−− مەركەز ئارخىپخانىسىدا ساقلانغان قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى

2016.06.21 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان چۈ چيۇبەينىڭ 1931-يىلى يازغان «ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دېگەن قول يازمىسى مەركەز ئارخىپخانىسىدا قەدىرلىنىپ ساقلانماقتا. چۈ چيۇبەي بۇ ھۆججەتنى يېزىپ تۆت يىلدىن كېيىن، ئاران 36 يېشىدا مەردلەرچە قۇربان بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئارخىپ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسى، پارتىيەنىڭ تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش، ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلدى.

  «ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» يەتتە ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئارخىپنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش، مۇندەرىجە تۈزۈش، ساقلاش، يوقىتىشنىڭ پرىنسىپ ۋە ئۇسۇلى، ماتېرىيال توپلاش، ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن.

  چۈ چيۇبەي قول يازمىنىڭ ئاخىرىغا ئالاھىدە قىلىپ «ئىزاھات: مۇمكىن بولسا، ھەر بىرىنى ئىككىدىن نۇسخىلاپ، بىر نۇسخىنى ساقلاپ كۆرۈشكە(ئالدۇرۇپ كۆرۈشكە تەييارلاپ، قايتۇرۇش)، يەنە بىر نۇسخىنى ئامباردا ساقلاپ، كەلگۈسىدىكى پارتىيە تارىخى كومىتېتىغا تاپشۇرۇشقا ھازىرلانغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بولاتتى» دەپ يازغانىدى. چۈ چيۇبەي «كەلگۈسى» دېگەن خەتنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆججەتنى يازغاندا ئىنقىلابنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچى بارلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

  چۈ چيۇبەي 1899-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1917-يىلى كۈزدە بېيجىڭ رۇس تىلىنى مەخسۇس ئۆگىنىش سىنىپىغا ئۆگىنىشكە كىرگەن. «4-ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن بېيجىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1920-يىلى كۈزدە، چۈ چيۇبەي مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت روسىيىسىگە نەق مەيداندا زىيارەت قىلىشقا بېرىپ، ئىككى يىلدا نەچچە ئون پارچە ئاخبارات ۋە ئەسەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى، روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سوۋېت روسىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرغان. ئۇ 1921-يىلى 5-ئاي روسىيەدە جاڭ تەيلېينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1922-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  چۈ چيۇبەي 1923-يىلى 1-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «يېڭى ياشلار»، «ئاۋانگارتلار»نىڭ باش مۇھەررىرى ۋە «يول باشلىغۇچى»نىڭ تەھرىرى بولۇپ، نۇرغۇن سىياسىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيىۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. 1923-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى»، «يېڭى ياشلار» پەسىللىك ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى، فرانسىۇرچىدىكى «خەلقئارا» دېگەن سۆز ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «ئىنتېرناتسىئونال» دەپ ئېلىنغان بولۇپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ئۇ شۇ يىلى 7-ئايدا دېڭ جۇڭشيا قاتارلىقلار بىلەن بىرگە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇپ، ئىلمىي باشقارما باشلىقى قوشۇمچە سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولدى. كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ پارتىيەسى بىرلىشىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت جۇڭگو ئىنقىلابىغا بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى.

  چۈ چيۇبەي تالىپتىن رەھبەر بولغۇچە قىسقا ئەمما شانلىق ھاياتنى باشتىن كەچۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر