- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو تەھرىرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئەزا خاۋ جەنشېڭ: نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك، دېدى
2016.03.11 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر كىتابنىڭ رەسمىي نەشر قىلىنىپ ئاشكارا تارقىتىلىشتىن بۇرۇن، نەشرىيات ۋە تەھرىرنىڭ نۇرغۇن كەسپىي ئەمگىكى سىڭىدۇ. ھازىرقى «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردا ئاپتور ۋە تەرجىماننىڭ ئەسەر ھوقۇقى بىر قەدەر تولۇق قوغدىلىۋاتىدۇ، لېكىن نەشرىياتقا بولغان نەشر ھوقۇقىنى قوغداش كۈچى بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا.
شۇڭا، نەشرىياتلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، نەشر ھوقۇقى بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاپتور، تەرجىماننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، نەشرىياتلارنىڭ كىتاب، ئەسەر نەشر قىلىشى، نەشىر قىلىش جەريانىدىكى رولى ۋە ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش- پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولغان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھوقۇقلۇق ئەسەر ئىگىسىگە ھوقۇق بېرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئاخىرىدا، ئالاقىدار قانۇن ئارقىلىق نەشر ھوقۇقى بېرىش مەسىلىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر