باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدىكى«مىنىستىرلار كارىدورى»غا ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىلدى

ئون مىنىستىر «مىنىستىرلار كارىدورى» دا زىيارەتنى قوبۇل قىلدى

2016.03.10 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9 - مارت، چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە كومىتېت مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو بەرگەن خەير - ساخاۋەت قانۇنى لايىھىسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدىغا يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرى توپلىشىپ، «مىنىستىرلار كارىدورى» داۋاملىق ئېچىۋېتىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ئون مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن «مىنىستىرلار كارىدورى»دا كۆرۈشۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى، «مىنىستىرلار كارىدورى» ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، زىيارەت قوبۇل قىلغان ئادەم سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  9 - مارت «مىنىستىرلار كارىدورى»دا زىيارەت قوبۇل قىلغان گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭيا، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن-پرىيوم باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جى شۇپىڭ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جېڭگاۋ، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ، سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭ، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ گۇاڭجۇ، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ خۇەننىڭ ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگو قاتارلىقلار بار.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر