- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى خەن چاڭفۇ: جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ئۆزىنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك
2016.03.06 14:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مىنىستىرلار كارىدورىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ئۆزىنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك» دېدى ھەمدە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى ئۆزى قاتناشقان مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
خەن چاڭفۇ مونۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى ئېلىمىز ئاشلىقتىن ئۇدا 12يىل مول ھوسۇل ئالدى، ھازىر ئېلىمىز يولغا قويۇۋاتقان ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىدە ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاشلىقتىن تامامەن خاتىرجەم بولۇشقا بولىدۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسى ئۆز قولىدا بولۇشى كېرەك، ئاشلىقنى مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىمىز، لېكىن ھەرگىز ئىمپورتقا تايانمايمىز.
خەن چاڭفۇ زىيارەتتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنى ئۆزى قاتناشقان مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر