باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ: نامراتلارنى يۆلەيدىغان تۆت خىل يول نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىدۇ

2016.03.06 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مىنىستىرلار كارىدورىدا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قاتناش جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆت خىل نامراتلارنى يۆلەش يولىنىڭ نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى خىزمەت يىغىنىنى ئالاھىدە ئېچىپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى قاتناش جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى تۈزدى، پۈتۈن نامراتلارنى يۆلەش دائىرىسى جەھەتتە، مۇھىم تەڭشەش ئېلىپ باردى، ئەسلىدىكى 14مەركەزلىك تۇتاشما نامرات رايوندىكى 680ناھىيە ئاساسىدا، 1157ناھىيەگە كۆپەيتتى، مىنىستىرلىقىمىز نامرات رايونلارنىڭ تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناش مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق نامراتلارنى يۆلەيدىغان تۆت خىل يول نۇقتىلىق بەرپا قىلىدۇ. 1-، داغدام يول، بۇ ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت يولىنى كۆرسىتىدۇ؛ 2-، نامراتلارنى يۆلەپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولى، بۇ ئاساسلىقى نامرات رايونلاردىكى يېزا تاشيوللىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 3-، ئامانلىق يولى، بۇ ياساش داۋامىدا مەسىلە بار يوللار ۋە خەتەرلىك كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ 4-، كەسىپ يولى. بۇ ئاساسلىقى نامراتلارنى يۆلەشكە ئالاقىدار ساياھەتچىلىك، يېشىل كەسىپ قاتارلىق تىرەكلىك رول ئوينايدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

  ياڭ چۈەنتاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، قاتناش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ھەر بىر رايون ۋە نامرات نوپۇسنى قاتناش مەسىلىسى سەۋەبلىك سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر