- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى
2016.03.06 13:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى ئۆز ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى ۋە پىلانلىرى ئۈستىدە توختالدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتى ناھايىتى ئەمەلىي، ئەتراپلىق بوپتۇ، ئۇنىڭدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ‹‹بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تەلەپلەر نامايان قىلىنىپتۇ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، باش تېما ئېنىق بوپتۇ ھەم ھەقىقەتەن كىشىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ياخشى سىياسىتى شەرھلەنگەن، ئەمەلىي بولۇش ۋە ئىلگىرىلەش روھى نامايان قىلىنغان؛ ئەلرايى مۇجەسسەملەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ.
نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غەمخورلۇق قىلدى ۋە قوللىدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللايدىغان بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بەش قېتىم ئېچىلىپ، پارتىيەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەملىكەت خەلقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئەندىزە شەكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىيات قولغا كەلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەرگە چىن دىلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
نۇرلان ئابىلمەجىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ قوللىشى توغرىسىدا ئۈچ نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: گوۋۇيۈەن شىنجاڭنىڭ ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››، ‹‹بەش چوڭ سىياسەت تايانچى›› ۋە ‹‹بەش چوڭ ۋەزىپە››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەرسە؛ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرسا؛ شىنجاڭنىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قوللىسا.
ئەزا سەمەت مەمەت مۇنداق دېدى: 2015 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يىللىق ئاساسىي نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇ، ‹‹ھەر قانداق خەۋپ – خەتەر ۋە قىيىنچىلىقنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى››نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەزا خۇاڭ چاڭيۈەن مۇنداق دېدى: ئون نەچچە قېتىملىق ئالقىش شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، زۇڭلىنىڭ دوكلاتى ئەلرايىغا ئۇيغۇن، ئەلرايىغا مايىللاشقان بولۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپتۇ. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەت تەدبىرى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بەرگەن زور مەدىتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ ھەم ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
‹‹دوكلاتتا ئۈچ ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ: ئەمەلىي بولۇش، يېڭى بولۇش، مەدەت بېرىش››دېدى ئەزا نيۇ رۇجى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلىنىپتۇ، قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، ئەمەلىي ئەھۋال ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئەمەلىي چارە – تەدبىر كۆرسىتىلىپتۇ، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلىنىپتۇ؛ دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلىگە قارىتا تونۇش يېڭى، قوللانغان تەدبىر يېڭى بولۇپتۇ؛ يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغان چارە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشەنچ ئاشۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەش قىزغىنلىقىغا مەدەت بېرىلىپتۇ، شۇڭا دوكلاتنى كۈچلۈك سىياسەتچانلىققا، يېتەكچىلىككە ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
ئەزا جيا ديەنزېڭ دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىلىغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن قارايمىز، ئىشىنىمىزكى خۇددى زۇڭلى ئېيتقاندەك ‹‹بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ يوق››، جۇڭگودا شۇنداق چوڭ بازار بار، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر