باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

ھوقۇقنى قانۇن بېرىدۇ، ۋەدە مۇقەددەس بولىدۇ

2016.01.18 11:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا 16 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە ئايرىپ تىزىلغانىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى نەيىم ياسىن سائەت 12 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە: «تۆۋەندە ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ» دەپ جاكارلىدى.

  بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەشكىللىشى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  سەھنىدە توق قىزىل رەڭدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن»ى ھەيۋەت بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، بىر تەرەپكە قەسەم سۆزى قويۇلغانىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ جايدا مۇقەددەس پەيتلەرنىڭ شاھىتى بولدى. يىغىن مەيدانى جىددىي ۋە سۈرلۈك بولۇپ، ئىنتايىن جىمجىت ئىدى. ۋەكىللەرنىڭ كۆزىتىشى بىلەن قەسەم بېرىشكە باشلامچىلىق قىلغۇچى ۋاڭ يۇڭمىڭ قەسەم بېرىش سەھنىسىگە چىقتى، يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇ لى، چىن ۋېي، خەلق قۇرۇلتىيىدا ئاۋاز بېرىپ ماقۇللانغان خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يانىڭ قاتارلىقلار ئۈچ قاتار بولۇپ دۆلەت گېربىگە قاراپ سالماق تۇردى.

  نەيىم ياسىن «كۆپچىلىك ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ۋەكىللەر قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلىڭلار» دەپ جاكارلىدى.

  قەسەم بېرىشكە باشلامچىلىق قىلغۇچى ۋاڭ يوڭمىڭ سول قولى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى تۇتقىنىچە، ئوڭ قولىنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەردى: «مەن <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى>غا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن».

  نەيىم ياسىن «يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇلنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن» دەپ جاكارلىدى.

  مۇتەللىپ ئوبۇل تېز قەدەم ئېلىپ قەسەم بېرىش سەھنىسىگە كېلىپ، سول قولى بىلەن توق قىزىل رەڭلىك «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نى تۇتۇپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق ئاۋازدا قەسەم بەردى: «مەن <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى> غا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن...» ئۇنىڭ دۆلەت گېربىغا تىكىلگىنىچە قىلغان قەسىمىنىڭ ھەر بىر جۈملىسىدە قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

  ۋەكىللەر قەسەم بەرگۈچىلەرگە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، بۇ ئىشەنچكە تولغان ئالقىش ساداسى، ئارزۇغا تولغان ئالقىش ساداسىدۇر!

  مۇتەللىپ ئوبۇل ھاياجانلانغان ھالدا: مەن ئاساسىي قانۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ نازارىتىدە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردىم، مەن ھوقۇقنى خەلق، قانۇن ئاتا قىلغانلىقىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن. 70 نەچچە خەتلىك قەسەم سۆزى ئىخچام، يىغىنچاق بولسىمۇ، مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر. تەنتەنىلىك قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قانۇننىڭ ھەيۋىسىنى ھېس قىلىپ، قانۇندىن ھېيىقىش ھېسسىياتىم تېخىمۇ ئاشتى، ئاساسىي قانۇنغا بولغان ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچەيدى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغاندىن كېيىن، قەسىمىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ئادىل ئىش بېجىرىپ، خەلققە ئەدلىيە ئادىللىقى ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ھېس قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشى ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش،دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر