باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەيلى

2016.01.18 11:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ۋەكىللەر، ئەزالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  بۇ قېتىمقى «ئىككى يىغىن» «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان پەيتتە ئېچىلغان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. «ئىككى يىغىن»دا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى، 2015 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى دوكلاتى، 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى قاتارلىق تۈرلۈك مۇھىم قارالمىلار تەستىقلاندى، بۇ «13 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى چۆرىدەپ، يېڭى نورمال ھالەتتە يولۇقىدىغان يېڭى مەسىلە، يېڭى ئەھۋال ھەم ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، ئاكتىپ ئەقىل كۆرسەتتى. «ئىككى يىغىن» مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ بىر قېتىملىق ئەقىل ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىققا ئىلھام بېرىدىغان، كۆپنىڭ پىكرىنى ئالىدىغان، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدىغان يىغىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلىق، ئەمەلىي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن بولۇپ، «قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇش»، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنغا، دېموكراتىيە ھوقۇقىغا سادىق بولۇشتىن ئىبارەت ئاكتىپ كۈچنى نامايان قىلدى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ، ئىلھام بېرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

  ئۆتكەن بىر يىل 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى ئىدى. بەش يىلدىن بۇيان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ مۇرەككەپ تەسىرى، ئىقتىساد ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، بىز سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇپ، ئۆزگەرتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تەرتىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق توغرىسىدىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بولۇپمۇ 2015 - يىلى بىز «مەركەزنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز» دەيدىغان قاراشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىر نۇقتىنى كۆزلەپ، بىر نىشان ئۈچۈن كۈچەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىپ، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ. تەرەققىيات يولى ئەگرى - توقاي بولىدۇ، گەرچە يېڭى مەسىلە، يېڭى خەۋپ - خەتەر، يېڭى رىقابەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىز پائال ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە ئۆزگىچىلىككە ئىگە يېڭى يول ئاچتۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى روشەن، تەرەققىيات نىشانى ئېنىق، تەرەققىيات ئىسلاھاتى كۈچلۈك، تەرەققىيات تەدبىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى بىزگە چوقۇم يېڭىمىز دېگەن ئىدىيەدە، توغرا يۆنىلىشتە، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا تەرەققىيات، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇپ، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرساقلا،ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى.

  2016 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭىش - يېڭىلىشىنى بەلگىلەش باسقۇچىغا كىرىدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى «ئىككى يىغىن» روھىغا مۇجەسسەملەپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، «يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭىدىن ھەرىكەتكە كېلىش كۈچىنى نامايان قىلىش»نى باش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «ئۈچتە ئىقتىدارلىق»نى كۈچەيتىشتە مايىللىق بىلەن ھەرىكەتكە كەلگەندە، بۇ يىل ۋە «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  يېڭى يىلدا يېڭىچە مۇھىت، يېڭى يىلدا يېڭىچە باشلىنىش، يىلنىڭ بېشىنى ياخشى باشلاش بىر يىلدىكى خىزمەت نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھەممىمىز بۇرچنى، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭىش - يېڭىلىشىنى بەلگىلەشكە ۋە «13 - بەش يىل» تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر