باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى يېپىلدى

2016.01.18 11:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاپ،تۈرلۈك قارارلىرىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 16 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

  يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 بولۇپ، قاتناشقىنى 509، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش مۇراسىمىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ شىنچى ۋە تولۇقلاپ سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن ھەم يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا يولداش جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن، ئەركىن ئابدۇرازاقنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سوراش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

  ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئىككى باش بېلەت نازارەتچىسى، 16 بېلەت نازارەتچىسى سايلاپ چىقىلىپ، بېلەت تارقىتىش، بېلەت تاشلاش ۋە بېلەت ھېسابلاشقا نازارەتچىلىك قىلىش ماقۇللاندى. باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىلىرى بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن، ۋەكىللەر بېلەت تاشلىدى. بېلەت تاشلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، باش بېلەت نازارەتچىسى تاشلانغان ۋە يىغىۋېلىنغان بېلەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، سايلام ئىناۋەتلىك بولدى. مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، جۇ لى، چىن ۋېي ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى؛ مۇتەللىپ ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ،تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە 2016 - يىللىق مالىيە خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ،تەستىقلاندى، 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوت تەستىقلاندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، نىزام بۇ قارار بويىچە مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتلىرى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، تەستىقلاندى.

  يىغىندا تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى،خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ قەسەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باشلىقى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

  نەيىم ياسىن سائەت 12 دىن 30 مىنۇت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئۆتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك دوكلاتلارغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى ئادىل ئىجرا قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك كۈنتەرتىپلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، قەيسىرانە ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي بولدى، بۇ قۇرۇلتاي چوقۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئاتلاندۇرىدۇ. ۋەكىللەر قايتقاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي روھىنى ئاممىغا ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، 13 - بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ياخشى، پۇختا باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئەقىل ۋە كۈچنى قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، تېز ئۈنۈم يارىتىشتەك روھىي كەيپىيات ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان خىزمەت ئىستىلى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش»نى ئومۇمىي يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، بىر سەپتە تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «ئۈچ كۈچ»نى ئاشۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى باشلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «13 - بەش يىل»دا تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىشى كېرەك.

  چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سىيىتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېن جىنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، قادىرقان مىراسقان، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، سەمەد مۇھەممەد، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، شۈ ۋېيخۇا، ياڭ فۇلىن، ئابلىز نىياز، تيەن جيەنرۇڭ، ۋاڭ شىجياڭ، ياڭ خۇڭلى، شۈ جىشىن، گو يۇڭخۇي، يەن فېنشىن، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلارمۇ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر