باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2016.01.18 11:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يولداش شۆھرەت زاكىر بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە) كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە پىلان، مالىيە دوكلاتى كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن قاتناشچىلىرى يۇقىرىقى دوكلاتلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىن رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى، مۇئاۋىن رەئىس جۈرئەت ئىمىننىڭ تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى ۋە تەستىقلىدى. بەي جىجې، قادىرقان مىراسقاننى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ئابدۇۋايىت سەئىدۋەققاس، توڭۋېينى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلىدى.

  يىغىن مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى باش نىشان قىلىشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇمىي مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى قانۇنىيىتىنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى، تۇنجى قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ھالدا تۇتتى، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ياخشى باشلاندى. 12 - بەش يىللىق پىلاننىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياكى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنى باشتىن - ئاخىر فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىپى قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، سۇپا ھازىرلاش، يول ئېچىشتا ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەلەپچان، راستچىل بولۇش، رەھبەرلەر ئۈلگە بولۇشتا ئىستىلنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ئىجابىي كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: «13 - بەش يىل» مەزگىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىل. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يادرولۇق رايون قۇرۇشقا ئاساس سالىدىغان مەزگىل. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: «13 - بەش يىللىق» پىلان پىروگراممىسى (لايىھە) غا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى مەھكەم ئىگىلەش −− «بەش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ» ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، شەھەر - يېزا رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ھاللىق جەمئىيەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ھالقا ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي مۇجەسسەملەپ، «13 - بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «13 - بەش يىللىق» پىلاننى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالار «يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھالەتتە بولۇش، توغرىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئۈچ كۈچنى كۈچەيتىش، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇش» نى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك پارتكوم 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئېچىش خىزمىتى يىغىنى، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار يىغىنلارنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بەش ئاچقۇچ» تىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۆت تەرەپ تەڭ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن» نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، خەلق رايىنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، «بەشنى تونۇش» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ئاساس ۋە ئەلرايى ئاساسىنى چىڭىتىش لازىم. تەمىنلەشنىڭ يانداشما قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى «يېتەرسىزلىك» لەرنى تولۇقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئۈستۈنلۈكى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يارىتىشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2016 - يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساغلام كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يېزا قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدە يېڭى كۈچەيتىش بولۇشنى، دېموكراتىك نازارەت قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتا يېڭى تەدبىر بولۇشنى، فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئىقتىدارىدا يېڭى يۈكسىلىش بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىشكە ماھىر بولۇش» سىياسىي كېڭەش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم قىبلىنەما؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان «قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش» سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىشىغا قويۇلغان كونكرېت تەلەپ بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالار باشتىن - ئاخىر توغرىلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەتئىي توغرىلىنىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئاڭ - ئومۇملۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» روھى ئارقىلىق سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساش - ئىسلاھ قىلىش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەن يارايمەن» ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىككىنچى سەپ ئېڭىنى تۈگىتىپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، پىسخىك ئىقتىدار جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنچى سەپ» ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى نورماللىق، يېڭى مەسئۇلىيەتتە، يېڭى نورماللىق، يېڭى ئىدىيەدە، يېڭى نورماللىق، يېڭى ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ئىلغار خىزمەتچىلەردىن، زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇپ، مۆتىۋەر بولماي جەڭچى بولۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشتا يېڭى ئىشلارنى قىلىپ، يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچلەرنى توپلاپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەننىڭ ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىردى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر