باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 788 پارچە تەكلىپنى بېجىرىشكە تاپشۇردى

2016.01.18 11:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 15 - يانۋار تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېجىرىشكە تاپشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى كېڭىشىش جەريانى −− پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىش، ئاممىنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىش ۋە ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 788 پارچە تەكلىپكە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان - تەرى سىڭگەن بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بېجىرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.

  12 - يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 گىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى جەمئىي 906 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق 788 پارچىسى رويخەتكە ئېلىندى، بۇ ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %87ىنى ئىگىلىدى. بۇ تەكلىپلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەر مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  ليۇ يەنلياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ياخشى خۇلاسىلەپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى نۇقتىلىق بېجىرىشى، ۋاقىتچانلىقى كۈچلۈك تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا بېجىرىشى، تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى ئۈزۈل - كېسىل بېجىرىشى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ تەكلىپلەرنى ھەمكارلىشىپ بېجىرىشى، ھەممە تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تىرىشىپ، ئەزالارنى ھەقىقىي رازى قىلىپ خەلقنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىلقى تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تەكلىپ بېجىرىشكە مۇناسىۋەتلىك 100دىن ئارتۇق ئورۇننىڭ مەسئۇلى، تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر