باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 906 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

2016.01.18 11:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تەكلىپ كومىتېتى 13 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن 2 - قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقتى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى تەكلىپ كومىتېتى 6102 - يىل 12 - يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22:00 گىچە جەمئىي 906 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق يۇقىرىقى تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدىن 788 پارچە تەكلىپنى رويخەتكە ئالدى. بۇ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %87ىنى ئىگىلىدى. رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار سۇنغان تەكلىپ 629 پارچە، ھەر قايسى پارتىيە - گۇرۇھلار سۇنغان تەكلىپ 131 پارچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى سۇنغان تەكلىپ بەش پارچە، ساھەلەر ۋە ئەزالار بىرلىشىپ سۇنغان تەكلىپ 87 پارچە.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سۇنۇلغان تەكلىپلەردە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن. بىرىنچى، تەكلىپلەرنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلىرى ۋە مەخسۇس كومىتېتلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاۋامنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، راستچىل - سەمىمىي بولۇپ، چارە - تەدبىر ئىزدەپ، بىر قەدەر كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە قوللىنىشچانلىققا ئىگە تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچى، تەكلىپلەردە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىر قەدەر مەركەزلىك كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ئۈچىنچى، يىغىندىن ئىلگىرى سۇنۇلغان تەكلىپلەر بىر قەدەر كۆپەيگەن، بۇ يىل يىغىندىن ئىلگىرى تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ جەمئىي 468 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 100 پارچىدەك ئاشقان. تۆتىنچى، ئەزالارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان، جەمئىي 270 ئەزا تەكلىپ تاپشۇرۇپ، ئومۇمىي ئەزانىڭ %51.5ىنى ئىگىلىگەن. بەشىنچى، بىرلىشىپ سۇنۇلغان تەكلىپلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ يىل 140 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 پارچە ئارتۇق.

  تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئائىت تەكلىپلەردىن ئاساسلىقى «ئۈچ قوشۇن قۇرۇلۇشى»نى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەر؛ ئىسلاھات - تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەردىن ئاساسلىقى يىپەك يولى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاتناش، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىش، ئىستېمال، پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەر؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا ئائىت تەكلىپلەردىن ئاساسلىقى نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەشنى ئاكتىپ يولغا قويۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى «مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەر بار.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىن مەزگىلىدە رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدىكەن. تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتىدىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا دەلىللەپ بېجىرىشكە تاپشۇرىدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر