باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 - ، 5 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.01.18 11:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 - يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 -، 5 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(لايىھە)گە قاراپ چىقىش نەتىجىسىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ بېكىتمە لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى بىر پارچە بېكىتمە لايىھە، ئۈچ پارچە قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بېرىش قارار قىلىندى.

  چۈشتىن كېيىنكى يىغىندا، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خامچوتىنىڭ قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى سەككىز قارار لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا سايلانغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى قەسەم بېرىش ئۇسۇلى ۋە قەسەم بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلغۇچىنى قارار قىلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇنلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر