خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 21-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاراكاستا ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن بىرگە جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارىلاشما ھەيئىتى 13-قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا قولغا كەلگەن مول نەتىجىلەرنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئارىلاشما ھەيئىتى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق مېخانىزمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا قاتناشتى ھەمدە شاھىد بولدى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بۇ مېخانىزم ئارقىلىق جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى جۇڭگو-ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋىتىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. جۇڭگو ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىككىنچى چوڭ تاشقى سودا شېرىكى ۋە نېفىت ئېمپورت دۆلىتىگە، ۋېنېسۇئېلا جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۆتىنچى چوڭ تاشقى سودا شېرىك دۆلىتىگە ئايلاندى، 2013-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى سودا سوممىسى 2001-يىلدىكىنىڭ 25 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئارقىلىق ۋېنېسۇئېلانىڭ 220 نەچچە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى قوللىدى ھەمدە نۇرغۇن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇردى. بايا زۇڭتۇڭ مادۇرو بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش مۇھىم ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىد بولدۇق. بۇلار خۇددى مۇستەھكەم پەلەمپەيگە ئوخشاش ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئاچىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى