خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 19-ئىيۇل، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەھەر باشلىقى ماكرى بۇيىنىس ئايرىس شەھىرىگە ۋاكالىتەن تەقدىم قىلغان شەھەر ئاچقۇچىنى قوبۇل قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شەھەر باشلىقى ماكرى ماڭا شەھەرنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىپ، بۇيىنىس ئايرىس ۋە ئارگېنتىنا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى. مەن بۇيىنىس ئايرىس خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەيمەن. بۇيىنىس ئايرىس شەھىرى جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى ۋە بايراقدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا، جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرى بۇيىنىس ئايرىس پورتى ئارقىلىق ئارگېنتىناغا كىرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەرنىڭ مېترو يوللىرىدىكى «جۇڭگودا ياسالغان» پويىزلار جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. چاغانلىق بۇتخانا سەيلىسى، خەنزۇچە-ئىسپانچە قوش تىللىق مەكتەپ قاتارلىقلار ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. مەن بۇيىنىس ئايرىس شەھىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆلكە-شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى، جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى