باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>رەھبەرلەر پائالىيەتلىرى>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزادا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى(1)

2014.07.15 11:34   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزادا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى(1)

  شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 14-ئىيۇل ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى ، بىرازىلىيە فورتالېزا ، 14-ئىيۇل تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 14-ئىيۇل ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالېزا شەھىرىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى .

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن جەنۇبىي ئافرىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدۇم ، بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايىنىش نۇقتىسى ۋە ئالاھىدە يۆنىلىشى قىلىشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق ھەمدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە كەڭ ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق . بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ، بىز ھاسىل قىلغان نۇرغۇن ئورتاق تونۇشلار ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . نۆۋەتتە ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسەت باسقۇچىدا تۇرماقتا ، ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچى زور ، بىز پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك . مەن سىزنىڭ كېلەر يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ ، كەلگۈسى ھەمكارلىق پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىشڭىزنى قارشى ئالىمەن . ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ، كانچىلىق ، دېھقانچىلىق ، ياساش ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، تۆمۈريول پاراۋۇزى ، يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك ، جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن داۋاملىق ماسلىشىپ 2014-يىللىق جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئافرىقىنىڭ باش تېمىسى . جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئىگە . بىز ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئافرىقىنىڭ دۆلەت ، رايون ھالقىغان ئىنتېرنېت-ئالاقە تۈرىگە تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپوە قوشۇشنى خالايمىز . جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى
      ·ساختا سالاھىيەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلارن…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ب…
      ·2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى