باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالايلى

«12-بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە

2015.10.26 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  «12-بەش يىل» ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى قالتىس بەش يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل.

  مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت، مۈشكۈل تەرەققىيات ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى.

  ئەمەلىيەتنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسىگە كۆز تىكىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماكرولۇق ئومۇمىي نەرزەر دائىرىسى ۋە ئۇزاق ئىستراتېگىيەلىك كۆز قارشى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېكىتىپ، «13-بەش يىل»دا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم ئاساستا ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى

  «جۇڭگو ناملىق پاراۋۇز» سۈرئەتنى تەڭشەپ، مۇقىم ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  ھازىر، جۇڭگو خەلق بانكىسى لوندوندا 5 مىليارد يۈەن مەركەز بانكا ۋېكسېلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇنى باھالاپ «خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى مۇساپىسى يەنە بىر مۇھىم قەدەمنى باستى» دېدى.

  تۇنجى قېتىم خەلقئارادىكى 4-چوڭ تۆلەش پۇلىغا ئايلانغاندىن كېيىن خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىپ پۇل تۆلەش سىستېمىسى پەيدا بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن IMF يىللىق يىغىنى يەنە خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنىڭ بارغانسېرى ئىلگىرى سۈرىلىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ بارا-بارا ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر