باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

بىرىنچى 100 يىللىق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيلى

−−−ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىغا بېغىشلانغان ماقالە

2015.10.26 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.(1)

  ئالتۇن كۈز پەسلىگە كىرگەن بېيجىڭ ھەمىشە كىشىلەرگە تەقەززالىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ

  10- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بۇ يەردە ئېچىلىدىغان ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىدا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يولىنى پىلانلاش - پۈتۈن مەملىكەت ھەم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇھىم قارالما.

  جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزەرىدە 60 يىل بىر دەۋرىي مەزگىل ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.1- بەش يىللىق پىلاندىن تارتىپ 12- بەش يىللىق يىرىك پىلانغىچە بولغان جەرياندا، يەنى مۇشۇ 60 يىلدا جۇڭگو يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە ئۆتۈپ، بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، بىز يەنە قانداق بىر يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىمىز؟

  2016-يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى مۇشۇ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلىدىغان ھەم تولۇق يولغا قويۇلىدىغان بىر بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدۇر، جۇڭگو «ئوتتۇراھال كىرىم توزىقى» دىن ھالقىپ ئۆتۈپ تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغان جاپالىق ھالقىش مەزگىلىدۇر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك«بىرىنچى 100 يىل نىشانى» غا يېتىشىدىكى ئاخىرىقى پەللىگە كۈچەپ ئىلگىرىلەش مەزگىلىدۇر، شۇنداقلا مىللىي گۈللىنىش يولىدا جاپالىق كېتىۋاتقان سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ھالقىلىق مۇساپىسىدۇر. تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم پەيىتلەر، ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دۆلەت، ئورۇنلاشتۇرمىلار تۈزۈلىدىغان يىرىك پىلان، مانا بۇلار كىشىلەرنى زور ئىنتىلىشكە ۋە ئۈمىدكە دەۋەت قىلىدۇ، مۇشۇ ئۆكتەبىردە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار تارقىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. (2)

  بېيجىڭ، جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى، خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا، كىشىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئەنە شۇ جايلاردىكى يىرىك پىلان كۆرگەزمىخانىلىرىغا ئەڭ قىزىققانلىقىنى بايقىيالايدۇ. «ئەڭ زور ئۈنۈم يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش، ئەڭ زور ئىسراپچىلىق يىرىك پىلاندا نۇقسان بولۇش، ئەڭ چوڭ يامان ئىش يىرىك پىلان ئاۋارىچىلىقى»، تەرەققىيات يولىدا يىرىك پىلان ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر.

  ئۇلۇغۋار تەرەققىيات پىلانى مانا مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى باشلاپ، مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش كېرەك». ھالبۇكى كەلگۈسىدىكى جۇڭگو توغرىسىدىكى ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئويلىنىش ئاللىقاچان باشلانغانىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر