باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

«بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەخت تۇيغۇسىنى مۇجەسسەملىدى

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش»تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ(«تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە)

2015.10.26 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى: «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئومۇمىي پىلانى، مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش پىروگراممىسى. بۇنىڭدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئاساسىي يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇرۇلغان ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ھەم ئومۇمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.ئۆتكەن بىر يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى«تۆت ئومۇميۈزلۈك» پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش تېز تەرەققىي قىلدى، ئىسلاھات چوڭ ئىشلىرى تېز، مۇقىم بولدى، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇساپىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، تورىمىز بۈگۈندىن باشلاپ > «تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە»< سەرلەۋھىلىك چاتما خەۋەرلىرىنى بېرىپ، نۇقتىنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان«تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۈنۈم، نەتىجە، ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ يېڭى تەدبىر، ئىدىيە، يارقىن نۇقتىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، كېلەچەكنى ياراتقان تارىخنى ئورتاق خاتىرىلەيمىز ۋە بۇ شانلىق مۇساپىنىڭ شاھىتى بولىمىز.

  ئىقتىساد مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلىدى، تۇرمۇش سىجىل ياخشىلاندى، مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى___ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 1 مىليارد 300 مىڭ كىشىنىڭ كۈرەش نىشانى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشماقتا.بۇ بىر يىلدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەخت تۇيغۇسىنى مۇجەسسەملىدى.ھەميانىمىز تومپايدى. بۇ يىل 3-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئەمەلىيەتتە% 7.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى GDPدىن يۇقىرى بولدى. كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش ھەققى ئۇدا 11 قېتىم ئۆستى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش ھەققى تۇنجى قېتىم ئۆستۈرۈلدى، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئۆستى.... تەرەققىيات نەتىجىلىرى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە مايىللاشتى.

  كىرىمنىڭ ئېشىشى ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرمۇش كۈنسېرى بېيىدى. يېقىندا ئاخىرلاشقان «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە «دوستلار چەمبىرىكى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى» ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ، بەس-بەستە سۈرەتلىرىنى چىقاردى. بۇ يىلدىن بۇيان، ساياھەت ئىستېمالى ئومۇمىي سوممىسىدا تارىختىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى يارىتىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق دۆلەت ئىچى ساياھەت ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.5% ئاشتى. رەسىم كۆرگەزمىسى، دىراما، سىمفونىيە... كىشىلەر تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەتتىن بەھرىلەندى.

  ئاسمان سۈزۈلۈپ ھاۋا ساپلاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، خىمىيەلىك ئوكسىگېن ئېھتىياجى (COD)، ئاممىياكلىك ئوغۇت، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ئازوتنىڭ ئوكسىدلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى داۋاملىق زور مىقداردا تۆۋەنلەپ، «12-بەش يىل» پىلان نىشانى يېرىم يىل بۇرۇن تاماملاندى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى 88 كۈن ئۆلچەمگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن توققۇز كۈن ئاشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر