باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشايلى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە سەپىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى

2015.10.26 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى زور ئىشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا يۈزلەنگەن يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. يېقىنداا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، گوللاندىيە پادىشاھى جۇڭگودا زىيارەت بولىدىغان بولدى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭمۇ يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش پىلانى بار ئىكەن.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىكى تۆت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشقا كېلىشتى. كىشىلەر بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدىكى زىيارىتىدىن جۇڭگو-ئەنگلىيە ھەمكارلىقى، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەنگە ئوخشاش، جۇڭگو-ئەنگلىيە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو-ياۋروپا ۋە ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق يېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ قىزىق نۇقتىلىق نەتىجىلىرىنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى، جۇڭگو-ياۋروپا ئەركىن سودا رايونىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى، ياۋروپانىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق تېخنىكىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنى قويۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسى جۇڭگو-ياۋروپانىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىشالايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. يېقىندا ئېلان قىلىنغان جۇڭگو-ئەنگلىيە قوشما خىتابنامىسىدا، ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ «جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقى 2020 ئىستراتېگىيەلىك پىلانى» بويىچە جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىككى تەرەپ ئىمكانقەدەر تېزدىن يۈكسەك، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمنامىسى تۈزۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئەركىن سودا رايونىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى بالدۇرراق قانات يايدۇرۇشنى قوللايدۇ. بۇ ئىجابىي سىگناللارنىڭ ھەممىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە سەپىرىنىڭ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ۋە پائال تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر