باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>ئوبزور

تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

«خەلق گېزىتى» باش ماقالىسى

2015.09.06 10:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، بەزى پەيتلەر مەڭگۈ ئۆچمەس ماياكتەك بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى ھامان يورۇتۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى قانلىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ ياۋۇز ياپون مىلىتارىزمى تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تاشقىي دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىنىڭ تۇنجى تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى، بىز بىر مەيدان داغدۇغىلىق مۇراسىم ئارقىلىق مىللەتنىڭ تارىخىي خاتىرىسىنى ئەسلەپ، دۆلەتنىڭ تىنچلىققا بولغان تەقەززاسىنى نامايەن قىلىمىز.

  سالماق قەدەم، ھەيۋەتلىك مۇزىكا كىشىلەرنىڭ خىيالىنى ئاشۇ دۆلەت پارچىلانغان، تاغ - دەريالار قانغا بويالغان يىللارغا باشلاپ بارىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئالتە يىل دائىرىلىك قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سەككىز يىل ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا، ۋەتەن زېمىنىدا ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ ياندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قورام تاشتەك مۇستەھكەم تۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىنى ساقلاپ، ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان دۈشمەن ئارقا سېپى جەڭگاھى بىلەن گومىنداڭ تەشكىللىگەن يۈز تۇرا ئۇرۇش جەڭگاھى ماس ھەمكارلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئورتاق قايتۇرما زەربە بېرىشنىڭ تەنتەنىلىك ۋەزىيىتىنى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشەببۇس قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ قۇرغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن مىللىي مۇستەقىللىق ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش»تەك قەتئىي نىيىتى، «ئىسسىق قېنى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىنى قوغداش»تەك سۇنماس ئىرادسى، «ئالقانچىلىك يەر ئۈچۈنمۇ قان تۆكۈش»تەك غايەت زور قۇربانلىق بېرىش روھى بىلەن بىر قېتىملىق ئۇلۇغ غەلىبىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخ سەھىپىسى، ئىنسانىيەت تىنچلىقىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە كىرگۈزدى.

  تارىخنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زەئىپلىكتىن گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى مۇشۇ يەردىن باشلاندى. ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ زۇلمى ئەۋلادتىن - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى گۇمران قىلالمىدى، بەلكى بۇ قەدىمىي مىللەتنىڭ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئويغىنىشىغا ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. مىليونلىغان خەلق جەنۇب - شىماللىق، چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىماي، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭرىتىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك مەنىۋى داستانلارنى يېزىپ، ئۇيۇل تاشتەك پولات ئىستىھكام قۇرۇپ، يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئودال جۇڭگو جەمئىيىتىدە ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان غايەت زور دولقۇن پەيدا قىلىپ، گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەتنى گۈزەل، ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدىغان يېڭى مۇساپىگە باشلىدى.

  تارىخنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. جۇڭگونىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى مۇشۇنىڭدىن باشلاپ بېكىتىلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭگاھىنى ئېچىپ، دەسلىپىدىلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى. جۇڭگونىڭ تىز پۈكمەي تاقابىل تۇرۇشى فاشىست كۈچلەرنىڭ غالجىرلىقىنى ئالدى بىلەن تىزگىنلىدى؛ جۇڭگونىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى قاشىست كۈچلەرنىڭ قوشۇلۇۋېلىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى. مەيلى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى بولسۇن، مەيلى ب د ت نى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولسۇن، جۇڭگو ئىزچىل ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغۇچى، بەرپا قىلغۇچى، قوغدىغۇچى بولدى. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى تىنچلىق سۆيەر خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە، ئالىيجاناپ مىللەت شۆھرىتىگە سازاۋەر بولدى، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك سالاھىيەت بىلەن دۇنيا سەھنىسىگە چىقتى.

  «تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى سەگەتكۈچ». ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئازاب - ئوقۇبەت مىسلىسىز، ئۇرۇش ئەسلىمىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، تىنچلىقنى قەدىرلەش، تىنچلىقنى قوغداش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، 70 يىل ئۆتۈپ كەتتى، يەنىلا ئاز ساندىكى كىشىلەر تارىخىي پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى قايتا - قايتا ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا پەردازلاۋاتىدۇ. تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئىنكار قىلغاندا كونا مۇقامغا توۋلىشىمىز مۇمكىن، بۇ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەتلەر تارىخنى ئاشكارا كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپنى ئاشكارا بۇزغانلىق، تېخىمۇ مۇھىمى تىنچلىق ئىقىمىغا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك سالغانلىق.

  تارىخ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئۆزگەرمەيدۇ، پاكىتمۇ گەپدانلىق قىلىش، تىنىۋېلىش سەۋەبلىك يوقىلىپ كەتمەيدۇ. بىزنىڭ تارىخنى ئەسلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ئازاب - ئوقۇبەت ۋە ئۆچمەنلىكنى قايتا قوزغاش بولماستىن، بەلكى تىنچلىقنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش، ھەققانىيەتنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىىسنى خاتىرىلەش مەخسۇس مانىۋېرىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈشى تارىخنى ئەستە مەڭگۈ ساقلاش، قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش قىممىتىنى يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىللە تىنچلىققا بولغان ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ. 70 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ھەققانىيەت ئۇرۇشىدا، تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان كىىشىلەر مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زۇلمەتلىك رەزىل كۈچلەرگە ئورتاق قايتۇرما زەربە بەردى. بۈگۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە قارىشىنى تېخىمۇ تىكلەپ، تىنچلىق، ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات تېمىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ماكانى بولغان مۇشۇ پىلانېتقا يېزىپ چىقىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن 70 يىل ئىلگىرى، گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ھازىر، گۈللىنىشكە يۈزلىنىش مۇساپىسىدە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىلگىرىلەشنى باشلىدۇق. ساپ قان ۋە ھاياتتىن يارىتىلغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئەسلىمىسىنى مۇستەھكەملەپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرغاندا، تارىخ مەشئىلىنىڭ نۇرى بىلەن كەلگۈسى يولىمىزنى يورۇتۇپ، گۈللىنىش يولىدا تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر