باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

«جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلىنغان سۆز

شى جىنپىڭ

2015.09.06 09:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداشلار، دوستلار:

  بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش گېنېراللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقىتىپ بەردۇق، بۇنىڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان قەھرىمانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەيدىغان، تىنچلىقنى قەدىرلەيدىغان، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك رەۋىشتە ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنغان.

  ئالدى بىلەن، مەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش گېنېراللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

  جاھان قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ۋەزىيەت قەھرىماننى يارىتىدۇ. 14 يىل ياپون مىلىتارىزمنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، بولۇپمۇ سەككىز يىل ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلغان جاپالىق يىللاردا، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇش ئورتاق ئىرادىسى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائىتى بىلەن يەر-جاھاننى زىلزىلگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك داستاننى يېزىپ، جىڭ يۈ، جاۋ شاۋجى، زو چۈەن، پېڭ شۆفېڭ، تۇڭ لىنگې، جاۋ دېڭيۈ، جاڭ زىجۇڭ، دەي ئەنلەن قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە 8-ئارمىيەنىڭ «لاڭياشەن تېغىدىكى بەش قەھرىمان»، يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ «ليۇلاۋجۇاڭ ليەنى»، شەرقىي شىمالدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمىدىكى سەككىز ئايال جەڭچى ۋە گومىنداڭ ئارمىيەسىدىن «800 ئەزىمەت» قاتارلىق نۇرغۇن قەھرىمانلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مەيلى ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش مەيدانى بولسۇن ياكى دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى مەيدانى بولسۇن، مەيلى بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشقانلار بولسۇن، ياكى ئارقا سەپتە ياردەم بەرگەنلەر بولسۇن، جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلار، مىللىي قەھرىمانلاردۇر. بۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭغا شاھىت بولغانلار، ئۇرۇش ئوتىدا پاكلىنىپ، ياشلىقى ۋە ئىسسىق قېنىنى ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلاردۇر.

  جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان يالقۇنلۇق يىللاردا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، چاۋشيەن، كانادا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فاشىزمغا قارشى ئەسكەرلەر ۋە خەلقئارا دوستلار جۇڭگو خەلقى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، قان بىلەن ئوت، ھايات بىلەن ماماتنىڭ سىناقلىرىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. بۈگۈن مۇشۇ يەردە تەقدىرلەنگەن ئون چەت ئەللىك پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم دوستلار شۇلارنىڭ ئىچىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ۋەكىلى. جۇڭگو خەلقى ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ، دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقى ۋە تۆھپىسىنى ئەستە ساقلايدۇ.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەيۋەتلىك ئۇرۇشىدا، سان -ساناقسىز قەھرىمانلار جېنىنى قۇربان قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى تۆكۈپ، ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھىنى يارىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھى جۇڭگو خەلقىنى بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  − ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا جاھاننىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋال تېپىشىدا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى تولۇق نامايان بولدى. بارلىقىنى دۆلەت ئۈچۈن بېغىشلاش، دۆلەتكە سادىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتىدۇر. مىللەتنىڭ ھايات-ماماتى ئالدىدا، بارلىق قېرىنداشلار «ئۆلسەكمۇ ۋەتەننى مۇنقەرىز قىلمايمىز» دەيدىغان مىللىي غۇرۇرى بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى بىلەن مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننى قوغداش ئۇلۇغ ئۇرۇشىغا بەس-بەستە قاتنىشىپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ دولقۇنلۇق دېڭىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك سەھىپىسىنى ئاچتى.

  − ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان مىللىي غۇرۇر تولۇق نامايان بولدى.

  «ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە كىشىنىڭ پەزىلىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، پەزىلەتلىك كىشىلەر تارىخ كىتابلىرىغا خاتىرىلىنىدۇ». ياپون مىلىتارىزمى تاجاۋۇزچىلىرى ئىنتايىن قەبىھ، شەپقەتسىز بولۇپ، ئۇلار جۇڭگو خەلقىگە قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قىرىش ۋە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى. جۇڭگو خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئالدىدا، قېنى ۋە جىسمى ئارقىلىق يېڭى قورغان قۇرۇپ، ھەممە كىشى قۇربان بېرىش ئىرادىسىگە كەلدى. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان قەھرىمانلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ توپ ئوقى ئىچىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇلارنىڭ قانلىق قىلىچى ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەھدىتكە باش ئەگمەسلىكتەك ئۇلۇغۋار روھىنى نامايان قىلدى.

  − ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا زوراۋانلىقتىن قورقماسلىق، ئاخىرغىچە جان تىكىپ ئېلىشىشتەك قەھرىمانلىق ئىرادىسى نامايان بولدى. يولداش ماۋزېدۇڭ: بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆز دۈشمىنى بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىشتەك جاسارەتكە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىگە، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دېگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈچلۈك دۈشمەننىڭ تەكرار ھۇجۇمى ئالدىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى باش ئەگمىدى، بەلكى ئۈزلۈكسىز قوشۇننى توپلاپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت بىلەن سانسىزلىغان قەھرىمانلىق زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

  − ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا قەيسەر، قەتئىي باش ئەگمەيدىغان، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىدىيەسى نامايان بولدى. «كۈلپەتلىك مەزگىلدە، باتۇرلار مەيدانغا چىقىدۇ». ياپون مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى جۇڭگو زېمىنىغا يەتكەندىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى تاجاۋۇزچىلارغا زەربە بېرىش ئۇلۇغ ئۇرۇشىنى باشلىدى، مەيلى شارائىت قانچە جاپالىق بولسۇن، ئۇرۇش قانچە ئېچىنىشلىق بولسۇن، قانچىكى زور بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو خەلقى زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىدىن قىلچە تەۋرىمىدى. جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاداققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسى بىلەن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەتئىي، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىپ، ئاخىر رەزىل تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

  يولداشلار، دوستلار:

  ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن جۇڭگو خەلقى بوشاشماي سىجىل، قارشى كۈرەش قىلغانلىقتىن، ئالدىنقىلار قانلىق جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بەرگەنلىكتىن دۆلىتىمىز بۈگۈنكىدەك مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى، مىللىتىمىزمۇ بۈگۈنكىدەك تەرەققىيات، گۈللىنىشكە، خەلقىمىزمۇ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىغا ئېرىشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان بارلىق كىشىلەر، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىرتنىڭ مۇستەملىكىسى، ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان كىشىلەر، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي قەھرىمانلار، دۆلەتنىڭ شەرىپىدۇر. جۇڭگو خەلقى ئۇلار تىكلىگەن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.«مەردانىلىك تولسا جاھانغا، داۋاملىشار ئەمىنلىك مەڭگۈ»، بىر ئۈمىدۋار مىللەتنىڭ قەھرىمانى بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارتلار بولمىسا بولمايدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللىي قەھرىمانلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىش بولماقتا. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق. نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەھرىمان كېرەك، قەھرىمانلىق روھ كېرەك. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان قەھرىمانلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەپ، قەھرىمانلارنى قوغداپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر