باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى تارقىتىلدى

شى جىنپىڭ خاتىرە ئوردېنى تارقىتىپ بەردى

2015.09.06 09:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 2 - سېنتەبىر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

  شى جىنپىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، گېنېراللار، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خاتىرە ئوردېنى تارقىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، كەلگۈسى پارلاق دۆلەتتە ئاۋانگارتلار بولمىسا بولمايدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللىي قەھرىمانلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە روھى ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ.

  لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى مۇراسىمغا قاتناشتى، جاڭ دېجياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇلۇغ غەلىبىنى مەڭگۈ كۈيلەپ، تارىخىي تۆھپە ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى. «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 2 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 30 پېشقەدەم ئەسكەر، پېشقەدەم يولداش، گېنېراللار، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خاتىرە ئوردېنى تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن قەھرىمانلارغا، قەھرىمانلارنىڭ روھىغا موھتاج بولىمىز. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان قەھرىمانلارنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەپ، قەھرىمانلارنى قوغداپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارغا كۆيۈنۈپ، بىر نىيەتتە «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى خاتىرە ئوردېنىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ دېجياڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ ھەم قىزغىن ئىدى. زور ئارقا كۆرۈنۈش ئېكرانىدا خاتىرە ئوردېنىنىڭ شەكلى ۋە ئاساسىي تېما سۆزى − «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش خاتىرە ئوردېنىنى تارقىتىش مۇراسىمى»، «تارىخنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن سۆزلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. ئالدى تەرەپتە ئىككى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار زالغا كىرىپ كەلدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  «مۇراسىم ئەسكەرلىرى ئورنۇڭلارغا كېلىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن تەڭ 14 مۇراسىم ئەسكىرى رەتلىك قەدەم تاشلاپ مەيدانغا كىرىپ، ئۆز ئورۇنلىرىدا قورال تۇتۇپ تەق بولدى، تەزىيە كانىيى چېلىنىشى بىلەن، مەيداندىكىلەر ئۆرە قوپۇپ سۈكۈتتە تۇردى.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىر ئۆمىكى «پىدائىيلار مارشى» نى ئورۇنلىدى، نەق مەيداندىكىلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى يامراۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار، گېنېراللار، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان ۋە قوللىغان خەلقئارا دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارغا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى ئېسىپ قويدى ھەم ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. خاتىرە ئوردېنى تارقاتقاندا، نەق مەيداندا خاتىرە ئوردېنى ئالغان ھەر بىر پېشقەدەم ئەسكەر، پېشقەدەم يولداش، گېنېرال ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋىبىئاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

  گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداشلار، گېنېراللار، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان ۋە قوللىغان خەلقئارادىكى دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى» تارقىتىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى مەڭگۈ ياد ئېتىش، قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇشەققەتلىك ۋەزىيەتتە قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىدۇ. 14 يىل ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلغان سەككىز يىللىق مۇشەققەتلىك يىللاردا، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىسىدىن مۇستەھكەم ئىستىھكام ھاسىل قىلىپ، تاشقىي دۈشمەننىڭ ھاقارەتلىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئورتاق ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان تارىخىي داستان ياراتتى، بىر تۈركۈم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە نۇرغۇن قەھرىمانلار كوللېكتىپى بارلىققا كەلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، چاۋشيەن، كانادا، ھىندىستان قاتارلىق فاشىزمغا قارشى جەڭچىلەر ۋە خەلقئارا دوستلار جۇڭگو خەلقى بىلەن بىللە، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىپ، قان بىلەن ئوت، ھايات بىلەن مامات سىنىقىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى داۋامىدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سانسىزلىغان قەھرىمانلار قان تۆكۈپ، ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى يارىتىش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توساقلارنى يېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ جىسمىدا دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىدا، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تولۇق نامايان قىلىنغان، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتى ئالدىدا، پۈتۈن قېرىنداشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈچنى توپلاپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋە تەسىرلىك داستانلارنى يېزىپ چىقتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ جىسمىدا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق، ئۆلسىمۇ باش ئەگمەسلىكتەك مىللىي غۇرۇر گەۋدىلەنگەن. تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىلىچى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى ئۆز تېنى بىلەن يېڭى سەددىچىن سېپىلى ھاسىل قىلدى، سانسىزلىغان قەھرىمانلار تاجاۋۇزچىلارنىڭ زەمبىرەك ئوتىدا قەيسەرلىك بىلەن ئالغا بېسىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەيسەر، ئېگىلمەس روھىنى گەۋدىلەندۈردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ جىسمىدا زوراۋانلىقتىن قورقماي، ئاخىرغىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلارچە روھ گەۋدىلەندى، كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىلغان تاجاۋۇزى ئالدىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى باش ئەگمەي، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، سانسىز قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ جىسمىدا ئېگىلمەس-سۇنماس، قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندى، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ياۋۇز تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغانلار، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىرتنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلار، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىگە خوجا بولۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچقانلارنىڭ ھەممىسى مىللىي قەھرىمانلار، دۆلەتنىڭ شەرىپى، جۇڭگو خەلقى ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

  8-ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى، ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭجياڭ جياڭ شۈنشۆ، مۇدەنجياڭنى ئازاد قىلىش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان رۇسىيە ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى گېنېرال م. ئا. گاررىيېف خاتىرە ئوردېن ئالغانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خاتىرە ئوردېن ئالغان پېشقەدەم ئەسكەر، پېشقەدەم يولداشلار، گېنېراللار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۆۋەندىكىچە: ليۇ خەنشېڭ، لى لىئەن، ئەن جىۋېن، جاۋ دۇڭيۈەن، جۇاڭ يەنلىن، ۋۇ چىڭتۇڭ، ۋەن خەيفېڭ، جياڭ شۈنشۆ، ليۇ جېنخۇا، جۇ گۇاڭ، ۋېي جىنشەن، يۈ دىڭ، لياڭ بىن، شى باۋدۇڭ، سۇن تىڭجياڭ، لى جەنرۈي، لىن شاڭيۈەن، دۇڭ رۇڭفاڭ، چېن لىرېن، جاڭ سۇجيۇ، م. ئا. گاررىيېف، چېن شياڭمېي، شياۋلىن كۇەنچېڭ، ت. گ. شۇدرو، ج. ۋونياد، ي. ن. ياسىنېۋ، يوسىف ۋولىن ستيۋېر، توماس رابى، سومانگارا بوكا، مارك بېتيون.

  ليۇ چىباۋ، شۈ چىلياڭ، فەن چاڭلۇڭ، لى جەنشۇ، گو جىنلۇڭ، ياڭ جىڭ، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن ۋە فاڭ فېڭخۈي خاتىرە ئوردېنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، مۇناسىۋەتلىك خەلق كوللېكتىپلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىگە مەسئۇل يولداش، خاتىرە مېدالنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا 70 ئۆسمۈر ۋەكىل مۇراسىمغا قاتناشتى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، مەركەز ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى نامىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 210 مىڭ پېشقەدەم ئەسكەر، پېشقەدەم يولداش، گېنېرال ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى» تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ئورنىنى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى ۋە ھۆرمىتىنى، تارىخنى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى ئۇنتۇماسلىقنى جارى قىلدۇرۇشنى گەۋدىلەندۈردى.

  ئوردېننىڭ ئالدى يۈزىگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ قاپارتما رەسىمى، يەنئەندىكى باۋتا تېغى، خۇاڭخې دەرياسى، زەيتۇن شېخى، نۇر شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغۋار مىللىي روھ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە سەركەردىلەرنىڭ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، شۇنداقلا فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بولغان جۇڭگو ئارزۇسى ۋە دۇنيا تىنچ تەرەققىي قىلىشنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر