باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

2015.09.06 09:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى.

  تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار جۇمھۇرىيىتىمىز قوراللىق كۈچىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى شەرەپلىك قوبۇل قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي پارات ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ھەربىي پارات ۋەزىپىسىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ھەربىي پاراتقا قاتناشقان كوماندىر-جەڭچىلەر، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دادىل ئىنتىلىپ، گېنېراللار ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان يولداشلار نامسىز قەھرىمانلاردىن بولۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك ئورۇندىدى. ھەربىي پارات ئەمەلىيىتىدە، كوماندىر-جەڭچىلەر، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتى، مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش، شان-شەرەپنى قەدىرلەشتەك قىممەت ئىنتىلىشى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش، ئەڭ ياخشىلاردىن بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئالغا ئىلگىرىلەش ئېڭى، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناپ روھى، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشتەك ئېسىل ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشتەك يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ئوبرازىنى تىكلىدى. ھەربىي پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملار ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتەك يېڭى قىياپىتى، ھەيۋەتلىك سەپ قىياپىتى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان كامالەتكە يەتكەن ساپاسى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۇلۇغۋار روھىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىسى ۋە يېڭى قىياپىتىنى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى تولۇق قوزغىدى.

  تەقدىرلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ھەربىي پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملاردىن ئۆگىنىپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ياخشى تەتبىقلاپ، ھەربىي پاراتتا ئۇرغۇپ چىققان ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىشتىن ئىبارەت ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر