باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

ەلىبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشى جەزمەن دۇنيا تىنچلىق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىدۇ

كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار قاتناشتى

2015.09.06 09:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى 3-سېنتەبىر خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق تەستە قولغا كەلدى، تىنچلىقنى چوقۇم قوغدىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتىمىز ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى تىنچلىققا تەلپۈنۈشكە ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشى جەزمەن دۇنيا تىنچلىق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىدۇ. بىزمۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىختىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك 800 نەچچە مېھمان بىلەن بۇ يەرگە جەم بولدى. لى كېچياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىللە مەرىكە زالىغا كىردى، زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پېشقەدەم خەلق ئەسكەرلىرى، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش نەمۇنىچىلىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان گېنېراللار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، مېھمانلار، دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ غەلىبىنى خاتىرىلەش كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ غەلىبە. فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭگاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشتۇر. ئەركىنلىك، ھەققانىيەت، تىنچلىق ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئامانلىقى، تىنچلىقى، بەختى ئۈچۈن ئاسىيادا، ياۋروپادا، ئافرىقىدا، ئوكيانىيەدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى جەڭگاھلاردا فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسى ۋە خەلقى، شۇنداقلا فاشىزمغا قارشى تۈرلۈك كۈچلەر قول تۇتۇشۇپ بىللە ئاكوپلارغا كىرىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى ھاسىل قىلدى. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلقنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا قىلغان قىممەتلىك مەدەت-ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم ۋە مەدەت بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوڭۇشسىزلىقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمۇ مۇقەررەردۇر. تارىخ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يېزىلىدۇ، تارىخنى يوققا چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ، شۇنداقلا يوققا چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ. ئۆتكەن تارىخنى ھازىرقىلار يازمىغان، لېكىن ھازىرقىلار ئۆتكەن تارىختىن مۇستەسنا ھالەتتە ھازىرغا ئىگە بولالمايدۇ، كەلگۈسىنى يارىتالمايدۇ. تارىخ تەدرىجىي يىراقلاپ بارىدۇ، لېكىن تارىخنىڭ دەۋىتى ۋە ساۋىقى ئېتىراپ قىلىنسۇن-قىلىنمىسۇن، مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى ئەينى يىللىرى قەيسەرلىك بىلەن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قايتۇرما زەربە بەرگەن دۆلەت خەلقلىرى ياكى ئەينى يىللىرى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان دۆلەت خەلقلىرى بولسۇن، مەيلى ئاشۇ يىللارنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ياكى ئاشۇ دەۋردىن كېيىن تۇغۇلغانلار بولسۇن، توغرا تارىخىي قاراشتا چىڭ تۇرۇشى، تارىخنىڭ دەۋىتى ۋە ساۋىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋىقىنى ھېس قىلىش ئاساسىدا، باشتىن-ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئوچۇق ئىستراتېگىيەنى باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدۇ.

  شى جىنپىڭ شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قەدەھ كۆتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى بىللە تەبرىكلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بىللە تىلىدى.

  كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 30 نەچچە دۆلەتنىڭ پارات كۆرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر