باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>60 يىللىق قۇتلۇق توي

[شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى] سۇيىڭ ۋە ئۇنىڭ گاس بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەسلىسى

2015.09.16 09:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  سۈرەتتە:سۇيىڭ بالىلارغا ھېكايە سۆزلەپ بەرمەكتە.

  قىزىلتاغ تورى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈي نانا خەۋىرى) : 22يىل ئىلگىرى سۇيىڭ ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ گاسلىغىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگەردى.12يىل ئىلگىرى ئۇ «گوڭلى» يەسلىسىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ،ئۆز ئالدىغا گاس بالىلار سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەسىلىسى ئاچتى.

  يەسلىدىكى بالىلار دەسلەپكى 3 بالىدىن ھازىرقى 60 بالىغا كۆپەيدى.سۇيىڭ بالىلارغا دەرس ئۆگەتكەندە قول ئىشارىسى ئىشلەتمىدى ،بالىلار قۇلاق قۇلۇلىسى ياكى ئوتوفون ئارقىلىق سۆزلۈكلەرنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ ئۆگەندى.

  سۇيىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈمىدى .ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ سۇيىڭنىڭ ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىغا ئوخشاش نورمال مەكتەپتە ئوقۇيالىشىنى ،كىشىلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  «گاس بولسىمۇ گاچا بولۇپ قالماسلىق »ئوقۇتۇش ئەندىزىسى سۇيىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلدى .يەسلىدە جەمئىي 4 سىنىپ بار بولۇپ ،ھەر ئايدا دېگىدەك يېڭىدىن بالىلار كېلىپ تۇرىدۇ.

  سۇيىڭ يەسلىگە يېڭىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرىسىگە چوقۇم قاتنىشىپ ،مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بالىنىڭ كېسەللىكىنىڭ ياخشىلىنىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەر توغۇرلۇق مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ .5ياشلىق مۇھەممەت سالى تۆمۈر يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، سۇيىڭ ئۇنىڭ باشقا كۆپ ساندىكى بالىلارغا ئوخشاش قورقۇنچاق ئەمەسلىكىنى ،باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈلۈمسىرەيدىغان ۋە بىللە ئوينايدىغانلىقىنى ،بولۇپمۇ يات ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قىزىقىپ قارايدىغانلىقىنى بايقىدى.

  «ئۇنىڭغا يېڭى شەيئى ۋە ھەرخىل مەزمۇندىكى ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇڭلار » ، بۇ سۇيىڭنىڭ مۇھەممەت سالى تۆمۈرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايىقىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسىغا ئېيىتقان سۆزى ئىدى .

  سۇيىڭ قىزىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا ،بىر گاس بالىنىڭ ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلىشى ئۈچۈن ئاز دېگەندە 3يىل ۋاقىت كېتىدۇ .بىراق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يېرىم يىل ،قىسقىلىرى 4،5 ئايدىن كېينلا بالىلىرىنى يەسلىگە ئەكەلمەيدۇ .

  سۇيىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئەكەلمەسلىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى .

  ھەر ئايلىق ئوقۇتۇش پۇلى 1300يۈەن ، چۈشلۈك تاماق پۇلى 176 يۈەن ،بۇ مال باھا ئىدارىسى يەسلىلەرگە بېكىتىپ بەرگەن باھا بولۇپ ،ئۈرۈمچىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئوقۇتۇش پۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى. بىراق يەسلىدىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى دېقان پەرزەنتلىرى بولغاچقا ،يەسلى پۇلىدىن قىينىلاتتى.

  سۇيىڭ بۇ ئەھۋللارنى بىلگەندىن كېيىن كۆپرەك ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرىنى خىزمەتداشلىرىغا تاپىلاپ، ئۆزى ھەرقايسى ئورگان-ئىدارىلەردە ئېلىپ بېرىلغان قۇلاق ئاسراش كۈنى ،مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى ،بالىلار بايرىمى كۈنلىرىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ،كارخانا ،مېھىر-شەپقەتلىك ساخاۋەتچىلەرگە يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشى توغرىسدا مەسلىھەتلەشتى.

  يەسلى ئىچىگە كىرگىنىمدە ،بۇ يەرنىڭ تولىمۇ ئاددىيلىقىنى كۆرۈپ ، باشقا يەسلىلەردىن پەرقى يوقلۇقىنى ھېس قىلىدىم. سۇيىڭ مۇنداق دېدى : «يەسلىدىكى پارتا-ئورۇندۇقتىن باشقا كۆرنمە چاستوتا ئۈسكۈنىسى ، دەرۋازا ساقلاش ئۈسكۈنىسى ،خىزمەت ئۈستەللىرىنى باشقىلار ئىئانە قىلغان» .

  سۇ يىڭ ھازىر تولىمۇ خۇشال بولۇپ ،2014-يىلى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى كىشلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ 60تىن ئارتۇق بالىسىنىڭ ھەممىسى ئوقۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر