باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>60 يىللىق قۇتلۇق توي

ئاددىي خىزمەت ئورنىدىكى شىنجاڭلىقلارنىڭ رەڭدار تۇرمۇشى

2015.09.16 09:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست، «شانلىق 60 يىل: ئاياللار ھەرىكەتتە» تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى خەلق گېزىتى، شىنخۇا تورى، خەلق تورى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، ئىشچىلار گېزىتى، جۇڭگو قىز – ئاياللار گېزىتى قاتارلىق مەركەزدىكى تاراتقۇلار مۇخبىرلىرى شىنجاڭغا كىلىپ، قىز ـ ئاياللارنىڭ قول ـ ھۈنەرۋەنچىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، كەشتىچىلىك دېقھنالار كەسپىي كوپىراتىپى، قىز ـ ئاياللار ئائىلىسى، قىز ـ ئايال ۋەكىللىرىگە قارىتا تۆت كۈنلۈك زىيارەت ئىلىپ بېرىپ، ئەر ـ ئاياللار باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت دۆلىتىمىز سىياسىتىنىڭ رەسمىي ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قىز ـ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نامايان قىلدى.

  25-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، تاراتقۇ زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭدىكى بىرىنچى ئەۋلاد قىز ـ ئاياللار يېتەكچىسى ماينۇر قاسىم، «مىھىرىبان ئانا» رەيھان قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھىكايىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشەندى.

  «مېھىرىبان ئانا»نىڭ ئىزلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ـ شىماللىرىدا 72 ياشلىق ئانا رەيھان قاسىم «مېھىرىبان ئانا»نىڭ تەرغىباتچىسى تەشكىللىگۈچىسى ۋە ئىجراچىسى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋە 30 نەچچە «مېھىرلىك ئانا»نىڭ قەدەملىرى ئۈرۈمچى، سانجى، چۆچەك، قارىماي، پەيزىۋات، مورى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ باردى. ھازىرغىچە، 874 مىڭ 493 يۈەن پۇلنى ئىئانە قىلدى. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، ياشانغانلار، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق 1040 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قايىتىدىن مەكتەپكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بەردى، بەش مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئاجىزلار توپىغا ياردەم قولىنى سۇندى.

  رەيھان قاسىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئۇ بىر نەرسە ئوغرىلىغان ئوغۇل بالىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ ئۈنسىز يىغلىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇ بالىنىڭ ئانىسى قازا قىلغاندىن كېيىن ئائىلىدە غەمخورلۇقسىز قېلىپ بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بىلگەن ۋە ئۇ بالىغا:«بۈگۈندىن باشلاپ، مەن سېنىڭ ئاناڭ!»دېگەن.

  مېنىڭچە ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ بالىلارنى تونىغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارنى دائىم ئۆيۈمگە ئەكىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگەتتىم، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلارغا ھەق ـ ناھەقنى ئايرىشنى بىلدۈردۈم. ھازىر، «مېھىرلىك ئانىلار كوللىكتىپى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك كۈچنى يىغقاندا بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز، تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا ياردەم بېرەلەيمىز» دىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاستلىرىدا ئانا نامىدا قۇيۇلغان 192 مېھىرلىك ئانىلار ئەترىتى بولۇپ، تېزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانى 28 مىڭ 504 نەپەرگە يەتكەن. بۇ ئەترەتلەر ئاساسەن «تەقدىم قىلىش»نى ئاساسەت مەقىسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزو، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، روس، داغۇر، تاتار قاتارلىق مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېنىق بولمىغان ئىستاتىستىكىلاردىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مېھىرلىك ئانىلار ئەترىتى قىلغان ئىئانە 9 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان، ياردەمگە ئېرىشكەن قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار شۇنداقلا ئامما 380 مىڭغا يەتكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر